تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تەپچىنى نېمىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ قەغەز ياسىغىلى، ئىسسىقلىق چىقارغىلى، ئوغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ! شىخەنزىدىكى بۇ تۈردە تەپچىنىڭ ھېچقانداق قالدۇقى قالمايدۇ

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ خەيجۇڭ) 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت دەرىجىلىك شىخەنزە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىخەنزە شەھەرلىك گولىيۈەن مۇھىت قوغداش بوتقا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېشىل ئايلانما ئىقتىساد تەپچىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى(1-قارارلىق قۇرۇلۇش) يولغا قويۇلۇپ، 90 مىڭ توننىلىق ئوكسىدلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بوتقا ياساش تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تۈردە تەپچە خام ئەشيا قىلىنىپ قەغەز ياسىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقلار ئىسسىقلىق چىقىرىش، ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 638 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. 

  بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەپچىدىن ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئايلانما ئىقتىساد جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

  7-ئاينىڭ 12-كۈنى شىخەنزە شەھەرلىك گولىيۇەن مۇھىت قوغداش بوتقا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ 90 مىڭ توننىلىق ئوكسىدلاش ئۇسۇلى بويىچە بوتقا ياساش تۈرىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈردە تەپچە خام ئەشيا قىلىنىپ، ئاساسلىقى يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئوراش-قاچىلاش قەغىزى، يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى ئوراش- قاچىلاش قەغىزى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. تەپچىنى تاسقاپ تاللاش جەريانىدا ھاسىل بولغان قاتتىق تاشلاندۇقلار بىلەن بوتقا ياساش جەريانىدا ھاسىل بولغان قويۇق كېرەكسىز سۇيۇقلۇقلار بىرلىكتە بىيولوگىيەلىك پار قازىنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پار قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىپ، %70 پار بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىدۇ، بۇ، تاشقاتما ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. 

  ئۇنىڭدىن باشقا، كۆيدۈرۈشتىن ئېشىپ قالغان ئوت-چۆپ كۈلىمۇ ئوزۇقلۇق تەركىبى تولۇق، ئوغۇت ئۈنۈمى روشەن ئانورگانىك ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ، سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ھاسىل بولغان لاتقىدىمۇ زور مىقداردا ئورگانىك ماددا ۋە ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار، بۇ ئىككى خىل ماتېرىيالغا بەلگىلىك مىقداردا ئازوت، فوسفور، كالىينى قوشۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بىرىكمە ئوغۇت تۇپراقنى ياخشىلاش، ئوغۇت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەمدە كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەلا سۈپەتلىك يول بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا  تەپچىدىن تولۇق ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 

7- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىخەنزە شەھەرلىك گولىيۇەن مۇھىت قوغداش بوتقا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ 90 مىڭ توننىلىق ئوكسىدلاش ئۇسۇلى بويىچە بوتقا ياساش تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

   شىخەنزە شەھەرلىك گولىيۇەن مۇھىت قوغداش بوتقا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن ۋېنچېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز شىمالىي شىنجاڭدا يەنە 1 مىليون توننا تەپچىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان كەسىپلەر رايونى قۇرۇپ، جەمئىي 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىشنى پىلانلىدى، مۆلچەرىمىزچە، تەپچىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، ھەر يىلى 1 مىليون توننا ئالىي دەرىجىلىك تەپچە بوتقىسى، 100 مىڭ توننا بىيوئورگانىك ئوغۇت، 650 مىڭ توننا ماددىي يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىلىپ، يىلىغا تەخمىنەن 380 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغىلى، مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.