تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈللەرنى تاماشا قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، شادلىق باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ياخشى پەيتلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش

 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تاڭ نۇرىدىكى نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونىدىكى كىگىز ئۆيلەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئىلى دەريا ۋادىسى ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تاڭ نۇرىدىكى نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونىدىكى كىگىز ئۆيلەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر نىلقا ناھىيەسى تاڭبالى مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا سەيلە - تاماشا قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

  7-ئاي كىرىشى بىلەن، تۇرپان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق «پىژغىرىم ئىسسىق»نى كۈتۈۋالدى، لېكىن بۇ ئىسسىق شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. بۇيلۇق، يالقۇنتاغ ۋە كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلار ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۇرپان شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. 

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا قويتۆگە كۆرمەكتە.

  قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئىتتىك ئېقىندا سېيرىلىپ چۈشۈش، دېڭىز قاراقچىسى كېمىسى، چوڭ ماياتنىك قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلدى ھەم ھەر خىل ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا شۇخۇاجۈ گۈلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

  يېقىندا، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى شۇخۇاجۈ گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا شۇخۇاجۈ گۈلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.