تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

​ئۆزئارا مۇڭداشتى، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلاشتى، بەخت تىلەشتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئامما بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزدى​

ئۆزئارا مۇڭداشتى، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلاشتى، بەخت تىلەشتى

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئايباغ بازىرى بەخت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك شادلىق ئىلكىدە قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. □ باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن بۇ ناھىيەنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدونىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇرماقان مولدو ئانىدىن بايراملىق ھال سوراپ ۋە ئۇنىڭغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قىممەتلىك بايلىق، خىزمەت ئەترىتىمىزدىكىلەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمىز» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى مەمەتتوختى مەمەتشېرىپ.

«ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، ھەربىر بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزىدىغان بولدى، كەنتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ كۆپەيدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن قولغا كەلگەن. كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى جەزمەن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى بۇرماقان مولدو.

ئەتىگەندىلا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى لاۋچېڭ يولى كوچىسى سۇگۇڭتا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئايگۈل ئەخمەت بايراملىق سوۋغات تاپشۇرۇۋالدى.

تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ بايرامنى شاد - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى تۇرپان شۆبە شىركىتى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىدىقۇت رايونىنىڭ لاۋچېڭ يولى كوچا باشقارمىسى سۇگۇڭتا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللىدىكى قىسمەن ئاممىنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى ئاپىرىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن ئۆزئارا مۇڭدىشىپ بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

«ھەر قېتىم بايرام كەلگەندە، كەنت كادىرلىرى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى ئېسىدىن چىقارمىدى، بۇنىڭدىن قەلبىمىز ئىللىدى» دېدى ئايگۈل ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ما جىچياڭ مۇنداق دېدى: «زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتى بايراملىق بەخت تىلەش بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىزغىنلىق ۋە سەمىمىيلىك ئارقىلىق <قەلب كۆۋرۈكى> بەرپا قىلىشقا پايدىلىق».

«غەيرەت قىلىڭ، غەيرەت قىلىڭ...» 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تاماكا يېزىسى تاماكا كەنتىدىكى يازلىق يايلاقتا، بىر مەيدان قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كوماندا يەڭلىرىنى شىمايلاپ، كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن تەخ بولدى. پۇشتەك چېلىنىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ دەرھال مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، بىر چەتتە تۇرغان تاماشىبىنلار مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، تەڭلا مەدەت بەردى. مەدەت بېرىش ئاۋازى، ئالقىش سادالىرى، چاۋاك سادالىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى.

«ھەر مىللەت ئامما قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئامما ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىمىز» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى كۆكتوقاي ناھىيەلىك تارماق شىركىتىدىن تاماكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى قۇانىش مەغزەم.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 6 - ئەترىتىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە، جىڭ ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاممىنى تەشكىللەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ ناخشا ئېيتتى، ئۇسسۇل ئوينىدى.

كۆپچىلىك بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان مىللىيچە ئۇسسۇل، زامانىۋى ئۇسسۇل ئورۇنلاندى، يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە خەتتاتلىق ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلاندى. كۆپچىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن سوئال - جاۋاب پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، پائالىيەت نەق مەيدانى ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قىزغىن كەيپىياتىغا تولغانىدى.

(مۇخبىر سۇڭ ياۋېن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى ۋېن، خۇاڭ فېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.