تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆمۈرلۈك ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇش

   □ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭۋېن، ۋېي بەينىڭ 

   6-ئاينىڭ 25-كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ داۋانچى باشقۇرۇش كومىتېتى كۆتەكتۇر كەنتىدىكى بىر دېھقان ھويلىسىدا، كەنت ئاھالىسى زايىت ئاۋۇت ياخشى قېرىندىشى جاۋ شياۋرۇڭنى ساقلاۋاتاتتى. 

   «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن جاۋ شياۋرۇڭنى ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدىم، يەنە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئالايىتەن سېتىۋالدىم» زايىت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى. 

   25 يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش داستانىنى پۈتۈپ چىققانىدى. 

   1997-يىلى قىشتا، جاۋ شياۋرۇڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ باي ناھىيەسىگە كېلىپ، مىلىچمال سېتىۋېلىش-سېتىش ۋە يەر تېرىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىر كۈنى، جاۋ شياۋرۇڭ كۆتەكتۇر كەنتىدىكى زايىتنىڭ ئۆيىگە مىلىچمال سېتىۋالغىلى كەلدى، ئىككىيلەن مال سېتىۋېلىش-سېتىش جەريانىدا كونا تونۇشلاردەك ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردى، دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. 

   زايىت مۇنداق دەيدۇ: «جاۋ شياۋرۇڭ مېنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغقىنىم، ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندىن بۇيان، ئۇ دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا ياردەم بەردى، ئائىلەمنىڭ بېيىشىنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.» جاۋ شياۋرۇڭنىڭ گېپىنى قىلغاندا، زايىتنىڭ كۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى. 

   جاۋ شياۋرۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بايغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا زايىت بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۆزئارا تونۇشۇش، بىلىشىش جەريانىدا، ئۇ زايىتنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېيت-بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا يوقلىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرغان. 

    1998-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈزبەرگەن بىر ئىش جاۋ شياۋرۇڭنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمايدۇ. شۇ يىلى، ئۇ باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسىغا مال ئاپارغىلى بارغان، قايتىپ كېلىۋاتقاندا قېلىن قار يېغىپ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى قار ئازگىلىغا پېتىپ قالىدۇ، ئۇ تىت-تىت بولۇپ تەرەپ-تەرەپتىن ئادەم ئىزدەپ، ئاران دېگەندە بىر قويچىنى تېپىپ، زايىتقا خەۋەر يەتكۈزىدۇ. زايىت ئىشتىن خەۋەر تېپىپلا دەرھال ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ، گۈرجىكىنى ئېلىپ ياردەمگە بېرىپ، تاكى يېرىم كېچىگىچە ھەپىلىشىپ ئاندىن ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ.

   «شۇنىڭدىن كېيىن، مەن زايىتنى ئاكام، دەپ بىلدىم،  مەيلى ئۇ قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن» دېدى جاۋ شياۋرۇڭ، زايىت ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقى، بېغى ۋە ئېتىز بېشى ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە بارىدىغان جاي بولۇپ قالغان. 

   جاۋ شياۋرۇڭ تېرىقچىلىق ماھىرى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە زايىتقا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، زايىتنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينى ۋە چوڭ ئېتىزلىرىدا تۈرلۈك كۆكتاتلار تولۇق بولۇپ، ئوبدان ئۆستى. بۇ يىللاردا، جاۋ شياۋرۇڭنىڭ قولمۇقول يېتەكلىشى بىلەن، زايىت كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كىرىمىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى. 

   بېيىغان زايىت جاۋ شياۋرۇڭنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ دائىم دېگۈدەك جاۋ شياۋرۇڭنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى. ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن  قۇچاقلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋاللىشاتتى، مۇڭدىشاتتى، ئىككىيلەن بىر يەرگە كەلسە دائىم گېپى تۈگىمەي قالاتتى. 

  ئۇلار تونۇشۇپ ئارىلىشىپ كەلگەن 25 يىل جەريانىدىكى ئىشلار توغرىسدا توختالغاندا، زايىت مۇنداق دېدى: قانچە ئارىلاشقانسېرى جاۋ شياۋرۇڭغا بولغان چۈشەنچەم شۇنچە چوڭقۇرلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر  ياخشى قېرىنداشلاردىن بولىمەن» دېدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.