تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى | ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، شېرىن تۇرمۇشقا ئېرىشىش

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ۋاڭ خۇڭلى خەۋەر قىلىدۇ): «بۇ ھەسەل ھەرىلىرىنى سەل چاغلىماڭ، ئۇ مېنى يېڭى ئۆي سېلىش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە بالىلارغا شەھەردىن ئۆي، ئاپتوموبىل ئېلىپ بەردىم، ھەسەل ھەرىسى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى»دېدى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى بېھشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى مۇتەللىپ يۈسۈپ 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى كۈلۈپ تۇرۇپ. 

   بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن مۇتەللىپنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىۋاتقىنىغا 40 يىل بولدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى شېرىنلەشتى. 

مۇتەللىپ ھەسەل ئىشلىمەكتە.    گۇڭ شىجيې فوتوسى

  «باھاردىكى بوراندىن كېيىن قولىڭىزنى چىقارسىڭىز سوغۇق تۇيۇلمايدىغان بولىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ 12 كۈندىن كېيىن، ئۆرۈك چېچەكلەيدۇ؛ يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، نەشپۈت چېچەكلەيدۇ؛ ئەتىيازدىن كېيىن، ھەسەل كىرىستاللاشقاندا، كېۋەز ئېچىلىدۇ... » دېدى مۇتەللىپ. 

    ئۇ مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ ئۈزلۈكسىز بايلىق توپلىدى، ھەسەل ھەرىلىرى نەچچە ئون ساندۇقتىن نەچچە يۈز ساندۇققا، تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغاندا نەچچە مىڭ ساندۇققا يەتتى. ئەڭ ياخشى بولغان يىلى، بىر قېتىملىق ھەسەل قىرىشقا تۆت كۈن كەتتى، ئۈچ توننا ھەسەل چىقتى. ئۇنىڭدىن ھەسەل ئېلىپ توپ تارقىتىدىغانلار ئىچىدە كۇچا شەھىرىدىكىلەر ، خوتەن شەھىرىدىكىلەر، يەنە شەنشى، جېجياڭدىن كەلگەنلەرمۇ بار بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالدى. 

  مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ «شېرىن كەسىپ»ى ئۈستىدە توختالغاندا: بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇستازىم ياڭ جياشىندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېدى. 

  ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، بېھىشباغ يېزىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ھەرە بېقىش ئەترىتىدىكى ياڭ جياشىن دائىم چىنەباغ كەنتىگە كېلىپ ھەسەل ھەرىسى باقاتتى. بىر كۈنى، ياڭ جياشىن نەرسە ـ كېرەكلەرنى يۆتكەۋاتقاندا، مۇتەللىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياڭ جياشىن بىر قوشۇق ھەسەل ئېلىپ، مۇتەللىپنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى، ھەسەلنى تېتىغاندىن كېيىن مۇتەللىپنىڭ كۆڭلىدە تاتلىق سېزىم پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ياڭ جياشىن بىلەن بىللە ھەسەل ھەرىسى باققۇسى كەلدى.

 مۇتەللىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ياڭ جياشىندىن ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ھەر يىلى 4 ـ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ سىرتقا چىقىپ ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىپ، 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن ئۆيىگە قايتاتتى، ئۇلارنىڭ بىللە تاماق يەپ، بىللە تۇرىدىغان ۋاقتى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتىدىنمۇ ئۇزاق ئىدى.

 «ئۇستام مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرەتتى، ھەتتا مېنىڭ ئىچ كىيىمىم ۋە پايپىقىمنىمۇ ئۆزى ئېلىپ بېرەتتى. بەزىدە مەن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن يىراقراق جايغا بېرىپ، كەچ قالسام، ئۇ يەنە پۇتۇمنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، ئۇۋۇلاپ قوياتتى، پايپىقىمنى يۇيۇپ بېرەتتى. كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغىچە باشقىلار ماڭا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان، ئۇستازىم تۇنجى قېتىم پۇتۇمنى داسقا چىلاپ ئۇۋۇلاپ قويغاندا، ئۇ بېشىنى پەسكە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇۋۇلىغانىدى، مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاپ كەتكەنىدىم... » دېدى مۇتەللىپ ئەسلەپ. 

  تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ياڭ جياشىن مۇتەللىپنىڭ مەيداننى باشقۇرۇش، ھەرە توپىنى بېقىش، ھەسەل قىرىپ قىيام كولاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا 100 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سوۋغا قىلىپ، مۇتەللىپكە ئۆزى يالغۇز ھەرە بېقىپ پۇل تېپىشنى ئېيتتى. لېكىن مۇتەللىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا قەتئىي ئۇنىمىغاچقا، ياڭ جياشىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەسەل ھەرىسى باقتى. 

 1988-يىلى 7-ئايدا، ئۇستاز-شاگىرت ئىككىسى بىللە بايغا بېرىپ ھەرە قويۇپ بەردى، بىر دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ھەرە ساندۇقلىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى، ئۇلار كەلكۈن ئىچىگە سەكرەپ چۈشۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئالتە ساندۇقنىلا قۇتقۇزۇپ چىقالىدى. مىڭ تەستە كۆپەيتكەن ھەرە توپى مانا مۇشۇنداق يوق بولغانلىقتىن، مۇتەللىپنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى. ياڭ جياشىن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئون ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشنى قايتىدىن باشلىشىغا ياردەم قىلدى. 

مۇتەللىپ ھەسەل ساتماقتا.   گۇڭ شىجيې فوتوسى

  ياڭ جياشىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇتەللىپ بارغانسېرى كۆپ پۇل تاپتى، ئۆي سالدى، ئۆيلەندى، بالىلىق بولۇپ، كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 

  مۇتەللىپنىڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ «مۇتەللىپ» ماركىسىدىكى جىگدە ھەسىلى، يۇلغۇن گۈل ھەسىلى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ھەسەل ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ياردىمىدە تور ئارقىلىق ھەسەلنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى. بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تورداشلارغا كاپالەت بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ساتقان ھەسەلگە ھەرگىز ساختىلىق قىلمايمەن، شۇنداقلا ھەسەل ھەرىسىگە شېكەر بېرىش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرمايمەن». 

 «مېنىڭ شېرىن تۇرمۇشۇم ھەسەل ھەرىسىگە تايىنىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى»دىن شىرنە يىغىپ يىغىشتىن كەلگەن، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ شېرىن تەمنى تېتىتىمەن» دېدى مۇتەللىپ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.