تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئىش قىلىدۇ»

  خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئىش قىلىدۇ»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى نەشىردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئىش قىلىدۇ» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يەنە بىر 7 ـ ئاي يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 101 يىلنى بېسىپ ئۆتتى. تارىخ خۇددى بىر ئۇزۇن ۋاقىت ئېقىنىغا ئوخشاش، ئۆتمۈشتىن تاشقىنلاپ كېلىپ، كەلگۈسىگە قاراپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئاشۇ چوڭقۇر، ئۇزاق بولغان مەڭگۈلۈك ئىزدىنىشنى يىغىنچاقلىدى.

  ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋردىكى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»غا ياخشى جاۋاب بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا سەمىمىي ئاگاھلاندۇردى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ھەرىكەت قىممىتىنى ئېنىق جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئىشەنچى، يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىقى، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى نامايان قىلماقتا.

  جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»دە ئاساسىي مەقسەت باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، ئوي ـ پىكىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى، نەگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان ئويغانغۇچى، ئەڭ كەڭ خەلق مەنپەئىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەققانىي، ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ كۈرەش قىلغۇچىسى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 100 يىللىق سالاپەت، خەلقنىڭ تارىخي داستانى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلققە سادىق، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان بولۇپ، مەيلى ئىنقىلاب قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا بولسۇن ياكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 100 يىلدىكى ئۇچرىشىش تارىخىي تۈگۈنىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ سەلتەنەتلىك مۇساپىسىگە قاراپ ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى. قەتئىيلىك ئەكس ئەتكەن نەزەرى مەڭگۈ ئالغا تىكىلدى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلساقلا، مۇقەررەر ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.