تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى

پارتىيە ئەزاسى 96 مىليون 712 مىڭ نەپەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 4 مىليون 936 مىڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 96 مىليون 712 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3 مىليون 434 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 4 مىليون 936 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 117 مىڭ ساپ كۆپەيگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق خىزمەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى قان قوبۇل قىلىپ، ئاۋانگارت قوشۇننى كۈچەپ تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ زورايدى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.7 كۆپىيىپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكىدىن %15.9 كۆپەيدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش يولغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2021 ـ يىلى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىلغارلار بەس ـ بەستە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 4 مىليون 383 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 956 مىڭ نەپەر كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەيدىغانلار 2 مىليون 311 مىڭ نەپەر بولۇپ، %52.7نى ئىگىلىدى؛ ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 2 مىليون 115 مىڭ نەپەر بولۇپ، %48.3نى ئىگىلىدى؛ 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 3 مىليون 540 مىڭ نەپەر بولۇپ، %80.8نى ئىگىلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 51 مىليون 461 مىڭ نەپەر بولۇپ، %53.2نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 28 مىليون 431 مىڭ نەپەر بولۇپ، %29.4نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.0 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 285 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.5نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. 2012 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزالىرى، ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 13.2، 5.6، 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %33.6ىنى ئىگىلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە دەرسى سۆزلەش ۋە ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش سالمىقى زورايتىلدى، ھەر دەرىجىلىكلەر بويىچە 1 مىليون 773 مىڭ قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى 4 مىليون 304 مىڭ ئادەم قېتىم مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەربىيەلەندى، تەربىيەلەش سۈپىتى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 4 مىليون 248 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، مۇستەھكەملەندى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتىدىن 278 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 316 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 342 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن بىر يىلدا 1 مىليون 782 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى تاماملىدى، يېزا، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى. كەنت، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %40.8، %77.7نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 14.3، 10.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %12.5، %18.2نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 4.5، 5.0 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتتى، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.