تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مېھىر ـ مۇھەببەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان نىڭشيانىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\ۋاڭ يۇڭچيەن، لى جۈندې، جاڭ لياڭ

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم نىڭشياغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون» قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچنى تاپشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، نىڭشيادىكى 7 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلقى باياشات بولغان گۈزەل يېڭى نىڭشيانى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

«تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يەنە ئالدىمىزدا»

«بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى قەدىردانلار، ياخشىمۇسىلەر، بۇ، بىزنىڭ خۇڭسىباۋنىڭ خاس مەھسۇلاتى خۇاڭخۇاسەي...» شىخەيگۇ خۇڭدې كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، 58 ياشلىق جاۋ شۇمېي يەرلىك شېۋە ئارىلاشقان پۇتۇڭخۇا بىلەن تورداشلارغا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردى.

خۇڭدې كەنتى جايلاشقان ۋۇجۇڭ شەھىرىنىڭ خۇڭسىباۋ رايونى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان باشقا جايغا ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بولۇپ، شىخەيگۇدىن كۆچۈرۈلگەن 230 مىڭ ئاھالە بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، ياشاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى.

2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بىرىنچى بېكەتتىلا خۇڭدې كەنتىگە كېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىپ، قەغەز يەشىك پىششىقلاپ ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى؛ كەنت ئاھالىسى ليۇ كېرۇينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم قىلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يۇرتداشلارنىڭ كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشى يەنە ئالدىدا» دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادىكى كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى ئالاھىدە ئەسلەپ تۇردى. 25 يىل ئىلگىرى، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن فۇجيەن ـ نىڭشيا نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ھەمكارلىقىغا مەسئۇل بولۇپ، «مەھەللە بويىچە كۆچۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدى ھەم بۇ كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر كەنتىگە «مىننىڭ كەنتى» دەپ نام بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى «قۇرغاق ساھىل» مىننىڭ كەنتى ھازىرقى «ئالتۇن ساھىل» مىننىڭ بازىرىغا ئايلاندى. فۇجيەن ـ نىڭشيا ئەندىزىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، نىڭشيا باشتىن ـ ئاخىر ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش بىلەن شىخەيگۇ نامراتلارنى يۆلەش ـ روناق تاپقۇزۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا ئىزچىل ھالدا «قان ئىشلەش شەكلى»دە نامراتلارنى يۆلەش ئۈستىدە ئىزدەندى.

«كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىرنەچچە ئېغىز چىرايلىق ئۆي سېلىپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. يۇرتداشلار كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا يىلتىز تارتقىلى بولىدۇ.» نىڭشيادىكى 1 مىليون 230 مىڭ كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنىڭ داۋاملاشما تەرەققىياتى ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك» «ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

«نىڭشيادىكى كۆچۈرۈلگەن ئامما پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزگە كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر رايونىدىكى يېزا ـ كەنتلەر گۈللەندۈرۈلمىسە، نىڭشيانىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

2021 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، ئەڭ ئاخىرقى بىر نامرات ناھىيە «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ» بەش ئايدىن كېيىن، نىڭشيا «كۆچۈرۈلگەن مىليون ئاھالىنىڭ بېيىشىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، نۇقتىلىق ھالدا 800دىن ئارتۇق ئاھالىسى بار كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر رايونىدا كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق مەخسۇس يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى.

2021 ـ يىلى، نىڭشيا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا 1 مىليارد 930 مىليون يۈەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى سېلىپ، 787 مىڭ مو يەردە خاس تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، 212 مىڭ كۆچۈرۈلگەن ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شۇ يىلى نىڭشيانىڭ «12 ـ بەش يىل»لىق ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ 517 يۈەن بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %18.1كە يەتتى.

«يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى»نىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، خۇڭدې كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، جاۋ شۇمېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە كۆچۈرۈلگەن ئامما ئوتتۇرىچە يېشى 60 ياشتىن ئاشىدىغانلارنىڭ «ئاق چاچلىقلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆمىكى» بولۇپ تەشكىللىنىپ، تور سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتتى، بىرىنچى يىلىدىكى سېتىش سوممىسىلا مىليون يۈەندىن ئاشتى. «ياخشى تۇرمۇشىمىز يەنە ئالدىمىزدا!» جاۋ شۇمېي خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى.

«تىرىشىپ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون قۇرۇش كېرەك»

«خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېتىكى مېۋىلىك باغقا تولغان، سەيبېيدىكى جياڭنەن دەپ بۇرۇنلا نامى تارالغان.» ياز كۈنلىرىدىكى خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدە، كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل ئۈزۈمزارلىق تاغنى بويلاپ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغانىدى.

2020 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىنچۇەن شەھىرىنىڭ شىشيا رايونىدىكى جىخۇي يۈەنشى ھاراق كارخانىسىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ھەيۋەتلىك خېلەنشەن تېغىغا يىراقتىن نەزەر تاشلاپ، خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خېلەنشەن تېغى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم تەبىئىي جۇغراپىيەلىك پاسىل سىزىقى ۋە غەربىي شىمالدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى» «خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك».

«باش شۇجىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ خېلەنشەن تېغىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، كان ئازگىلىنى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇش ئىرادىمىزنى چىڭىتتى.» ھاراق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى يۈەن يۈەننىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ئىلگىرى خېلەنشەن تېغىدا قۇم ـ شېغىل قازغان بولۇپ، كۈچ ئۇلاش كالتىكى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاندا، قۇم قازىدىغان كۈرەكنىڭ ئورنىنى دەرەخ تىكىدىغان گۈرجەك ئالدى، نۆۋەتتە 6000 مو تاشلاندۇق كان رايونى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 2000 مو يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈلدى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىڭشيا «خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش جېڭى»نى باشلاپ، 15 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئىچىدە ئىنسانلار پائالىيەت قىلىدىغان 169 نۇقتىغا قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى، 16 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، كان ئازگىلىغا توپا تىندۇرۇلۇپ، قاقاس تاغ يېشىللىققا پۈركىنىپ، خېلەنشەن تېغىنىڭ قىياپىتى بارغانسېرى يېڭىلاندى.

نىڭشيادا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنىڭ ھەممىسى بار. خېلەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىن تېڭگېر قۇملۇقىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشكىچە، يەنە خۇاڭخې دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نىڭشياغا «تىرىشىپ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون قۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچ، ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك» «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك» «نىڭشيادا ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان نىڭشيا ئۆز ئورنى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ كۆزىتىپ، مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدا يەرلىك نىزام چىقىرىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، پۈتۈن رايون، پۈتۈن ۋادى بويىچە تۈزەشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويدى.

نىڭشيا ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى: ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ ـ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ نىڭشيا بۆلىكىدە سۇ سۈپىتىنىڭ ئۇدا بەش يىل «Ⅱتۈرىدىكى سۇ كىرىش، Ⅱتۈرىدىكى سۇ چىقىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2021 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 306 كۈنگە يەتتى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئەمەل قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭشيا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى تەدبىر ئارقىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى: سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىسلاھاتى، يەر ھوقۇقى ئىسلاھاتى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى ئىسلاھاتى، تاغ ئورمىنى ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، 14 مىليون 480 مىڭ توننا قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئېنىقلاپ شاللىدى؛ شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تېز تۈرتكە بولدى...

2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، نىڭشيادا شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %46كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورۇنلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5 تۆۋەنلەپ، «13 ـ بەش يىل»دىن بۇيانقى ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلەشتەك پايدىسىز ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلدى؛ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %14.8كە يەتتى.

نىڭشياغا نەزەر سالساق، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئىشلەپچىقىرىشى راۋاجلانغان نىڭشيانىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى تەدرىجىي يېيىلماقتا.

«سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن»

تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ چېتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يورۇقلۇققا تولىدۇ، قاتار ـ قاتار كەتكەن چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر، گىرەلىشىپ كەتكەن تۇرۇبا ـ كابېللارغا تولغان نىڭدۇڭ ئېنېرگىيە ـ خىمىيە سانائىتى بازىسى رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرىدا كېچە بولماس شەھەرگە ئايلىنىدۇ.

2016 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۆمۈردىن ماي ئېلىش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن زاۋۇت رايونىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، بىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا تايىنىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، ئاندىن ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇلۇغ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، ئارقا ـ ئارقىدىن مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز».

نىڭشيا قانداق ئىشلىشى كېرەك؟ دېگەن كونكرېت مەسىلىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «قانچە تەرەققىي تاپمىغان رايون بولغانسېرى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى شۇنچە يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ».

«باش شۇجى ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىشنى ئالقىشلاپ، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتىمىزنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.» نىڭدۇڭ بازىسىدا، ئىنژېنېر ياڭ جيەنرۇڭ باشلامچى بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى تەشكىللەپ، دىققەتنى ئىمپورت قىلىنغان گازلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش چۆكۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە «شىننىڭ پېچى»نى شەكىللەندۈرۈپ، چەت ئەلنىڭ كۆمۈردىن ماي ئېلىش خىمىيە سانائىتى يادرولۇق تېخنىكىسىغا بولغان مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، نىڭشيا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش گۈللىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى: نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، جەمئىيەت كۈچىنى تەشكىللەپ، ئىشقا سېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكا ئىدارىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تەسىس قىلدى؛ «پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق نىڭشياغا ياردەم بېرىش» بويىچە شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىقىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەخسۇس سىياسەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

بەش يىلدىن بۇيان، نىڭشيانىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجەت سېلىنما سىجىللىقى ئېشىپ %1.52كە يەتتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، شەرقىي، غەربىي قىسىملارنىڭ 1000دىن ئارتۇق پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا بوغما ھالىتىنى تۈگەتتى.

كەلگۈسى بەش يىلدا، نىڭشيا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتا ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، دۇنيا ئۈزۈم ھارىقى ماكانى، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە زامانىۋى كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىدۇ...

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىڭشيادىكى ھەر مىللەت خەلق ئىشەنچىنى چىڭىتتى، قەدىمىنى توختاتمىدى. نىڭشيا تۇپرىقىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش قىزغىن دولقۇنى ئەۋج ئالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىنچۇەن، 6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.