تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

جېڭ شەنجيې، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتارلىقلار گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش - يۆلەش ۋە پەن ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە كېلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، كارخانا باغچە رايونى، يېزا - بازار، يېزا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەدەنىيەت مەيدان - سارىيى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى، ھەدىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، جەمئىي 4 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، 400گە يېقىن تۈرنى يولغا قويۇپ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، خەلقنى بېيىتىش، خاتىرجەم ياشاش شارائىتى يارىتىش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىككى جاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  جېڭ شەنجيې ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەنخۇينى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، بىز ناھايىتى قايىل بولدۇق ھەم چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. ئەنخۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتىپ، «ۋەنمېي جياڭگو» ئىستېمال ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ماركىسىنى يارىتىپ، ئاقىل مائارىپ بويىچە گۇما ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى ھەم گۇما ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇردى.

  جېڭ شەنجيې مۇنداق كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە، ئەنخۇي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، خەلقنى بېيىتىش، خاتىرجەم ياشاش شارائىتى يارىتىش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا سىجىل ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل مائارىپنى ئەمەلىي قوللىنىشنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولىدۇ. كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «شەكىللىك ۋاسىتە» ۋە بازارنىڭ «شەكىلسىز ۋاسىتە» بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مەۋقەنى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، كەسىپ، ئاقىل مائارىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنخۇي بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام ۋە سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاڭ شىمىڭ، ليۇ خۇي، ۋاڭ يىگۇاڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.