6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «كۇەيجوۋ 1-نومۇر» ناملىق A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن «تيەنشىڭ 1-نومۇر» ناملىق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
جۇڭگو تورى خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «كۇەيجوۋ 1-نومۇر» ناملىق A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن «تيەنشىڭ 1-نومۇر» ناملىق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى بوشلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش قاتارلىق تەجرىبىلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە «كۇەيجوۋ 1-نومۇر» ناملىق A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 15-قېتىم ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «كۇەيجوۋ 1-نومۇر» ناملىق A تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن «تيەنشىڭ 1-نومۇر» ناملىق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
ۋاڭ جياڭبو فوتوسى