تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك»

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، شۈ جۇاڭ، فېڭ يۈەن

2003 - يىلى 7 - ئايدا، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ جايدىكى مۇزېينىڭ كىچىك يىغىن زالىدا، ئۇ لياڭجۇ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا دائىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى، ئەھۋاللاردىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.

لياڭجۇ «سۇدىكى گۈزەل قۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىدە. 5000 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەردە كۆلىمى غايەت زور شەھەر بىنا قىلىنغان بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان.

يېڭى ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارىسىدىكى زىددىيەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى −

يادىكارلىق ئورنى رايونىغا 30دىن ئارتۇق تاش كان جايلاشقان بولۇپ، شاۋقۇن كۈچلۈك، چاڭ - توزان قويۇق ئىدى. شۇ جايدىكى ئامما: ئۆيدىكى ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى يېرىم كۈن سۈرتمىسىلا ئۈستىگە خەت يازغىلى، رەسىم سىزغىلى بولىدۇ، دەيتتى، ئارخېئولوگلار ئېچىنغان ھالدا تەنقىدلەپ بۇ رايوننى «پارتلاش ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ» دېگەنىدى.

شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي، ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك بايلىق، بىز جەزمەن ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك!»

«يولداش شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قەتئىي ئىدى.» ئەينى چاغدىكى مەنزىرە لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنى بايقىغۇچى، ئارخېئولوگ شى شىنگېڭنىڭ ئەۋلادى بولغان شى شىيىڭنىڭ تا ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە.

ناھايىتى تېزلا «پارتلاش ئاۋازى» توختاپ، بۇ «مۇقەددەس جاي»نىڭ جىمجىتلىقى ئەسلىگە كەلدى، تاغلارمۇ يېشىللىققا قايتتى، يادىكارلىق ئورنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى.

«شۇنىڭدىن باشلاپ، بىز لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتۇق.» ئەينى چاغدا خاڭجوۋ يۈخاڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان خې گۇەنشىن مۇنداق دېدى: لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنى قوغداشتا نىزام چىقىرىش، پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش، مۇھىت تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇلغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندى.

ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇقىم خىزمەت مۇھىتى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋالدى.

2007 - يىلى، ئەندىزىسى مۇكەممەل، كۆلىمى زور بولغان لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى قايتىدىن بارلىققا كەلدى؛ 2009 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، 11 توسمىدىن تەركىب تاپقان، كونترول قىلىش دائىرىسى 100 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايان قىلىندى...

2016 - يىلى، تۆت ئارخېئولوگ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا بالدۇرراق ئىلتىماس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىستېمىلىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

2019 - يىلى 7 - ئايدا، كاسپىي دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان ئەزەربەيجاننىڭ باكۇدا، 43 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنىدا ئاخىرقى قارار چىقىرىلدى − لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

يىغىن نەق مەيدانىدىكى خۇشال ھالدا تەنتەنە قىلىشىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان ليۇ بىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن لياڭجۇ يادىكارلىق ئورنى جۇلالاندى. دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇھىم، زور بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لياڭجۇنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى جەزمەن تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك».

لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى باغچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا، يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى لياڭجۇ خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى چېن مىڭخۇي خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە بېيسۈن يادىكارلىق ئورنىنى قېزىپ چىقتى، ئالاقىدار بايقاشنىڭ «شەھەر قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لياڭجۇلۇقلار قەيەردىن كەلگەن» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ياردىمى بولىدۇ.

«مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش چېكى يوق تېما.» چېن مىڭخۇي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە بىباھا قىممىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ، بىز ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش يۆنىلىشى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.