مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2022-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، «2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئۇچۇر سۇپىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ سۇپا يېزىقچە جاۋاب بېرىش ۋە سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر كۈنى يېزىقچە جاۋاب بېرىش شەكلىدىكى مەسلىھەت بېرىش ۋاقتى سائەت 9دىن 17گىچە بولىدۇ، سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە مەسلىھەت بېرىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرىنى دەل جايىدا، ۋاقتىدا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسى»(阳光高考信息平台) تور بېتى
«ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
«ئاشكارا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» بەيدۇ كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق
مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىپ
مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىگىلىسە بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىللە
مەسلىھەت بېرىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالدى بىلەن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېچىپ
ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ