تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بارغانسېرى كۆپ شياڭگاڭلىق ياش چوڭ قولتۇق رايونىغا سىڭىشىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا»

  □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي

  2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، گۇاڭدۇڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى شېنجېن چيەنخەي شېكوۋ تەۋەلىك رايونىغا كېلىپ، چيەنخەيدىكى قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى، چيەنخەيدە ئىگىلىك تىكلىگەن شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ ۋەكىلى گو ۋېيچياڭمۇ شۇلارنىڭ بىرى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو ۋېيچياڭنى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭ باش شۇجىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى −

  چيەنخەينىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولغان بەلگە «چيەنخەي تېشى» يېنىدا، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆردۈم. شۇ چاغدا سەل جىددىيلەشكەنىدىم، پۇتۇڭخۇانىمۇ ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەي، دۇدۇقلىغىنىمچە ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن قول ئېلىشىپ، تەپسىلىي ئەھۋالىمنى سورىدى. بۇ ماڭا باش شۇجىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، باش شۇجىنىڭ بىز شياڭگاڭلىق ياشلارغا بولغان ئالاھىدە كۆيۈنۈشىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كىشىلەرگە: «شېنجېن - شياڭگاڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەك، دېدى. چيەنخەيدە ئىگىلىك تىكلىگەن شياڭگاڭلىق ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىنتايىن روھلاندىم، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغىنىم ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ.

  مەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»، كىچىكىمدىنلا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقاتتىم. شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن لەنيا قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، بۇيۇملارنى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش - باشقۇرۇشتىكى «يىتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا كىرىشتىم. يېڭىلىق يارىتىش ئويۇمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، 2016 - يىلى مەن شېنجېن چيەنخەيگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللاپ، شېنجېن - شياڭگاڭ ياشلار ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئورنىغا ماكانلاشتىم. مېنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇيۇم» مۇشۇ يەردىن باشلاندى.

  چيەنخەيدە ھەرىكەتچان خەۋپ - خەتەر سېلىنمىسى مۇھىتى بار، بىز تۇنجى نۆۋەتلىك 3 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېرىشتۇق، يەنە ئىختىساسلىقلار تۇرالغۇسى، ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق مەدەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇق، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى.

  ئىلگىرى بىزنىڭ تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىمىز، ئىگىلىك تىكلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى يۈزتۇرا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەندە بىر ئۈلۈش بۇرچ تۇيغۇسى كۆپەيدى، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىق ياش ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنىڭ بىر دەستە نۇرغا، بىر ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش ئەتراپىمدىكى قۇرداشلىرىمنىڭ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلدىم.

  شۇ چاغدىن باشلاپ، مەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتىم. مەن ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى «سۈيشېنباۋ» دەل ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرىدۇ. بىز تىك ھالەتتە ئېچىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چاماداننى تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق، ھاۋالىلىك توشۇغاندا ئۇنىڭ ئورنىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، بۇ يەنە توك قاچىلىغىلى بولۇش، يىتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېغىرلىقنى ئۆلچەش، بارماق ئىزى ئارقىلىق قۇلۇپنى ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

  ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يېزىش، كود ئۇرۇش، توك يولى ئىسخېمىسىنى كۆرۈش، ئېچىش تاختىسى ياساش... قايتا - قايتا سىناق قىلىش، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بىز ئاخىر ئەمەلگە ئاشۇردۇق! ھازىر بىز 20 نەچچە تۈرلۈك پاتېنتقا ئىلتىماس قىلدۇق ھەم دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى ئېتىراپىغا ئېرىشىپ، ئوخشاش بولمىغان تۆت خىل مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، 2021 - يىللىق سېتىش سوممىمىز 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى.

  چيەنخەيگە كەلگىنىمگە ئالتە يىل بولاي دېدى، بۇ يەردە ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، مەن «ئالاھىدە رايون ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون»نىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھنى ھېس قىلدىم. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يەردىكى نۇرغۇن سىياسەت شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار ئۈچۈن مەخسۇس چىقىرىلغان بولۇپ، مۇھىتى ياخشى خىزمەت مەيدانىدىن «سومكا كۆتۈرۈپ كىرسىلا بولىدىغان» ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسىغىچە، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسىتىدىن قانۇن ئىشلىرى، باج ئىشلىرى قاتارلىق لېكسىيە، كونسۇلتاتسىيەگىچە بولغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ قوللىشى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشنىڭ ئارزۇسىنى بۇ يەردە قاناتلاندۇردى.

  باش شۇجىغا شۇنداق دېگۈم بار: بارغانسېرى كۆپ شياڭگاڭلىق ياش چوڭ قولتۇق رايونىغا سىڭىشىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. «كەلسىلا شېنجېنلىق بولۇش»تىن «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قولتۇق رايونىلىق بولۇش»قىچە، كۆپچىلىك بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئولتۇراقلىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، شەخسىي غايە - ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرمەكتە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.