تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

لياڭ يىڭ: ئىرادە تىكلەپ كەلدى نەتىجە قازىنىپ قايتتى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن

  «ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسىتىدىغانلار كۆپمۇ؟ دوختۇرلارنىڭ توردا كېسەل كۆرۈش ئەھۋالى قانداق؟...» بىر يېرىم يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لياڭ يىڭ ھەر ھەپتىدە تېلېفوندا ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى.

  2020 - يىلى 9 - ئايدا، لياڭ يىڭ بېيجىڭ داشۆ 6 - دوختۇرخانىسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 - خەلق دوختۇرخانىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولدى. ئىش ئورنىغا كەلگەن تۇنجى كۈنىلا لياڭ يىڭ خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆزىتىش، ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق قىسقىغىنا ئىككى ھەپتىدە لياڭ يىڭ دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە يىرىك پىلانىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «مەن ھەر كۈنى كەچتە شۇ كۈنلۈك خىزمەتلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئىككىنچى كۈنلۈك خىزمەت ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزىمەن.» لياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەش، چوڭقۇر ئىشلەش، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەش كېرەك. ئىرادە تىكلەپ كەلگەن ئىكەنمەن، جەزمەن نەتىجە قازىنىپ قايتىشىم كېرەك.

  بىر ئايدىن كېيىن «بېيجىڭ داشۆ 6 - دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دوختۇرخانىسى»نىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلدى. بۇ، بېيجىڭ داشۆ تېببىي بۆلۈمى روھىي سەھىيە كەسپىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، شىنجاڭدىكى روھىي، پىسخىك ئاغرىقلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  «قانداق قىلغاندا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قوشۇننى قالدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ؟» لياڭ يىڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى.

  ئوقۇتۇش جەريانىدا لياڭ يىڭ شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزىگە ياردەملىشىپ «دۆلەت كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بويىچە روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ نۇقتىلىق كەسپىي بازىسى»نى ئىلتىماس قىلىپ قولغا كەلتۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ «يەتتە چوڭ» كىلىنىكا ئىككىلەمچى كەسىپ پەن تەتقىقات مەركىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، لياڭ يىڭ ياشانغانلار روھىي كېسەللىك ئىلمى، ئۇيقۇ مېدىتسىناسى قاتارلىق يەتتە تەرەپتىن يەتتە تايانچنى بېيجىڭ داشۆ 6 - دوختۇرخانىسىدا يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتتى.

  داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە داۋالاش سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، لياڭ يىڭ «مۇتەخەسسىسلەر + كوللېكتىپ» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بۇ دوختۇرخانىدا داڭلىق دوختۇر ئىشخانىسىدىن ئىككىنى قۇردى. لياڭ يىڭ دائىم ئىشخانا ئەزالىرىنى تەشكىللەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كېسەللىك مىسالىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  لياڭ يىڭنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنى ئۈلگە قىلىش سۆز بىلەن تەلىم بېرىشتىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئۇ دائىم دوختۇرخانىدىكى تېببىي تايانچلارنى باشلاپ بىر تەرەپتىن كېسەلخانىلارنى تەكشۈرگەچ بىر تەرەپتىن قولمۇقول ئوقۇتۇش ئېلىپ باراتتى.

  بىر قېتىملىق داۋالاش جەريانىدا، لياڭ يىڭ بىر ئاغرىق ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەن دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنى باشلاپ روھىي كېسەللىك دورىسى گېن گۇرۇپپىسى ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاخىرى بۇ ئاغرىققا ماس كېلىدىغان دورىنى تاپتى.

  «بەدەننى ئۆلچەپ كىيىم پىچىش، ئادەمگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش»تىن ئىبارەت داۋالاش ئۇسۇلىنى ئەمەلىي قوللىنىش نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى تېجەپ، ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى. دوختۇر - سېسترالارنىڭمۇ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، كەسپىي سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  2020 - يىلى 12 - ئايدا، لياڭ يىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايغا بېرىپ سەييارە داۋالاش، خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا خالىس كېسەل كۆرۈشنى قانات يايدۇرغاندا، كۆپ يىللاردىن بۇيان دېمى سىقىلىپ نەپسى يېتىشمەي، بېشى ئاغرىۋاتقان بىر ئاغرىق لياڭ يىڭنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئاغرىق كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا يېگەن بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك سەۋەبىنى تاپالمىغانىدى. كۆپ يىللىق كىلىنىكا تەجرىبىسى ۋە كەسپىي سەزگۈرلۈكىگە تايىنىپ، لياڭ يىڭ ئاغرىقنىڭ پۈتۈن بەدەنلىك توسالغۇغا گىرىپتار بولغانلىقى، كېسەللىك ئەھۋالىنى داۋالاشنىڭ نىسبەتەن ئاسانلىقى، ھەر ئايدا ناھايىتى ئاز چىقىم قىلىپ، ئاندىن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىسىلا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دىياگنوز قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى لياڭ يىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى.

  تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، لياڭ يىڭ شۇ جايدىكى دوختۇرلار كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا بولغان ئاغرىق مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى، ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارغا تەپسىلىي داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. خالىس كېسەل كۆرۈش ئاخىرلاشقاندا، بىر ئاغرىق چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «بىز سىزنىڭ قايتىپ كېتىشىڭىزگە قىيمايمىز» دېدى.

  2020 - يىلى 9 - ئايدىن 2022 - يىلى 3 - ئايغىچە، لياڭ يىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ پائال ئالغا سىلجىتىشى بىلەن، شىنجاڭ روھىي سەھىيە مەركىزى داۋالاش سەۋىيەسى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشتى.

  2020 - يىلى بۇ مەركەز ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي پەن فوندىدىن تۆت تۈرنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرىدىن يەتتە تۈرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى. بۇلتۇر بۇ مەركەز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق سىستېمىسى پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 18 تۈرنى ئىلتىماس قىلىپ، ھەممىسىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى تىلغا ئېلىنسا، لياڭ يىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلىدۇ، «ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ چاقىرىقى، رەھبەرلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمى مېنىڭ ئىشەنچ ۋە غەيرەتكە تولۇپ ئىلگىرىلىشىمگە تۈرتكە بولدى».

  لياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە، شىنجاڭ خىزمىتى يەنىلا مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خىزمەت، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.