تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى​

  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى​

يى ليەنخۇڭ، ما شىڭرۇي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يى ليەنخۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرى كۇنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، ھاشىر تاھىرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يى ليەنخۇڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، مەكتەپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

  6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت تۈركۈمدە 458 نەپەر كادىر، ئىختىساسلىقنى ئەۋەتىپ، جەمئىي 2 مىليارد 897 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 218نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جياڭشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىقتىسادى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق كەسىپلەر ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، كادىرلار، ئامما پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇبيېكتلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  يى ليەنخۇڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جياڭشىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جياڭشى مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 25 يىلدىن بۇيان باشتىن - ئاخىر «ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن قورقماسلىق»تەك قوللاش سالمىقى، «خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش»تەك ئوزۇقلاندۇرۇش ئىللىقلىقى ۋە «جياڭشى - شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش»تەك ھېسسىيات چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئاقتۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلاشقان، جياڭشى خاسلىقىغا ئىگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

  يى ليەنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جياڭشىنىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، جياڭشى ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق پۇقرالار ئەنسىرەپ خاتىرجەم بولالمايدىغان ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش؛ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال كۈچ قوشۇش؛ ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش؛ شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىشى، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا ياردەم بېرىۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى تەرەپتىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى، ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  جياڭشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لياڭ گۇي، ما سېنشۇ، شى ۋېنبىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.