6-ئاينىڭ 13-كۈنى، جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ گاۋتيېسىنىڭ چۇڭچىڭدىن ۋۇشەنگىچە بولغان بۆلىكىدە سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز ۋۇشەن ۋوگزالىدا توختىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاڭ يى فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 6-ئاينىڭ ئاخىرى، جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ گاۋتېيسىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، چۇڭچىڭدىن جېڭجوۋغىچە بولغان پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن تۆت سائەتكە قىسقىرايدۇ. جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ گاۋتيېسى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەمدە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسى، فېڭجيې ناھىيەسى، يۈنياڭ ناھىيەسىگە گاۋتيې قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، لىنىيە بويىدىكى كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ، بۇ، سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.