تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

تومۇز ياز مەزگىلىدە، چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ماشىنىلارنىڭ موتورلىرى گۈلدۈرلەپ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن ئادىمىيەت ساياھەت بايلىقى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيېسى ۋۇخەن-خاڭجوۋ تېز سۈرئەتلىك گاۋتيې تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى تيەنجۇشەن تېغى، جيۇخۇاشەن تېغى، خۇاڭشەن تېغى، چىيۈنشەن تېغى، تەيپىڭخۇ كۆلى، شىدىخۇڭ كەنتى ۋە ۋۇخەن، خاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەر ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر گەۋدە بولۇپ، داڭلىق تاغلار، داڭلىق كۆللەر، داڭلىق شەھەرلەر بىر گەۋدىلەشكەن گاۋتيې ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې غول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 125.1 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن 18 مىليارد 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي مۇددىتى تۆت يىرىم يىل، 2024-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاش پىلانلانغان.

تومۇز ياز مەزگىلىدە، چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

تومۇز ياز مەزگىلىدە، چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ماشىنىلارنىڭ موتورلىرى گۈلدۈرلەپ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن ئادىمىيەت ساياھەت بايلىقى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

تومۇز ياز مەزگىلىدە، چىجوۋ-خۇاڭشەن گاۋتيې قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ماشىنىلارنىڭ موتورلىرى گۈلدۈرلەپ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن ئادىمىيەت ساياھەت بايلىقى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىر گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

ئوۋياڭ رۇچېن، لى خېپىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.