تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جياڭسۇ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىلىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس

  «قانداق قىلغاندا پىسخىكىلىق كىرىزىس ساقلانغان ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ چىقىپ، كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇلارغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟» يېقىندا، ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى (تەييارلىق) چاڭجوۋ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى لىڭلىڭنى توردا بۇ شۆيۈەندىكى بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرىغا «پىسخىكىلىق كىرىزىس ساقلانغان ئوقۇغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەدبىر قوللىنىش» دېگەن تېمىدا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىگە ئائىت لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  «يۇقۇم شارائىتىدا، پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، لى لىڭلىڭ مۇئەللىم سۆزلەپ بەرگەن پىسخىكىلىق كىرىزىسنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەدبىر قوللىنىش ئۇسۇلى دەل ئەسقاتقۇدەك» دېدى تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان يۈن لىنا مۇئەللىم.

  پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى لېكسىيەسى يىپەك يولى شۆيۈەنىنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرىنى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرىكى يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ بىرى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسىنى تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مۇسابىقە نەتىجىسىدە مۇقىم ھالدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  يېقىندا، 2021 - يىللىق مەملىكەت بويىچە كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، جياڭسۇنىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى ئارقىلىق «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى(تەييارلىق)نىڭ سۇيۇقلۇق بېسىمى ۋە ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە ئاسراش مۇسابىقىسى تۈرى دۆلەتلىك مۇسابىقىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەملىكەت بويىچە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىدەك ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى «ئىش ئورنى، دەرس، مۇسابىقە، كىنىشكا» ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماھارەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسپىي ئوقۇتۇش ئۆلچىمى ۋە ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ماھىرلارنىڭ ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش سەۋىيەسى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش روھىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشى، ياردىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى(تەييارلىق)نىڭ دۆلەتلىك مۇسابىقىگە كىرگەن تۆت كوماندىسى بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ بېشىدا جياڭسۇغا بېرىپ، جياڭسۇ ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىق تۆت مەكتەپتە بىر ئايدىن ئارتۇق كەسپىي جەھەتتە مەركەزلىك تەربىيەلىنىپ، دۆلەتلىك مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  جياڭسۇدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كەسىپلىرى ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى(تەييارلىق)نىڭ بىر كەسپىي توپىنى دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇردى، بۇ يېڭى ئەندىزە ئەسلىدىكى «ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش»تەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ سىرتىنىڭ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان مەكتەپلەرگە ئېلىپ كېلىپ، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك مەكتەپلەرنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلى ۋە 2021 - يىلى، جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 430 مىليون يۈەن، 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، مائارىپقا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21تىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش، ئەۋزەل پەنلەرنى يارىتىشقا نۇقتىلىق مەدەت بەرگەن.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى «مەكتەپ مۇدىرى + ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى + تايانچ ئوقۇتقۇچىلار»دىن ئىبارەت ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پىلان ئىچىدە تاللاپ ئەۋەتىشىنى ئاساس قىلىش، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى قوشۇمچە قىلىش، يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تولۇقلىما قىلىش ئارقىلىق، ئىككى قاراردا جياڭسۇدىكى 35 كەسپىي مەكتەپتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىدىن 15 نەپەرنى، مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىدىن 40 نەپەرنى ۋە يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلاردىن 16 نەپەرنى ئىلىغا كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانى بارلار 29 نەپەر بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور دەرىجىدە تولۇقلىدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى «مەكتەپلەر ئارقىلىق فاكۇلتېتلارنى ھۆددىگە ئېلىش» «ئادەم ئادەمنى يېتەكلەش»تەك ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەندىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جياڭسۇدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك 38 مەكتەپنى ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق كەسپىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشكە، ئىككى ئوچۇق داشۆنى ئىلى ئوبلاستلىق ئوچۇق داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشكە تەشكىللىدى. ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى (تەييارلىق) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جياڭسۇدىكى يەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي مەكتەپ بىلەن ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە ئىز قوغلاپ ئۆگىنىشتە قوشماقلىشىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. جياڭسۇدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك 13 مەكتەپنىڭ توردىكى سەر خىل دەرسلىك بايلىقى ئىلىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  «ئارقا سەپتىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى قوزغىتىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارغا ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ كۈچەش نۇقتىسى.» جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان جۇ بىن مۇنداق دېدى: مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جياڭسۇ بىر قولدا «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ»، بىر قولدا «ئارتۇقچىلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ»، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى تەشكىلات تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، يۈرۈشلەشكەن تەكشۈرۈش، باھالاش چارىسىنى يانداشتۇرۇپ، «ئۇستاز بىلەن شاگىرت قوشماقلىشىش» «ئەلا سۈپەتلىك دەرسلىك مۇسابىقىسى» «دەرسلەرنى باھالاش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ياردەم بەرگەن ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى تەرەپنىڭ بايلىقىنى ئەڭ زور چەكتە بىرىكتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.