تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقچىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. بىز خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن بولغان ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولدۇق.

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا بىر قاتار تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

مائارىپ ئادىللىقى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش باراۋەرلىكىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەربىر ئادەم كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىندى

پاكىز، رەتلىك سىنىپتا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ فېڭدۇ ناھىيەسى شيەننۈخۇ بازىرى شياڭبا تولۇق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۇ بىر چەت يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، 189 ئوقۇغۇچى، 18 ئوقۇتقۇچى بار. ئوقۇتۇش بىناسى ئازادە، يورۇق، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. تەنتەربىيە مەيدانىغا ياپيېشىل چىم ياتقۇزۇلغان، تەنتەربىيە پائالىيىتى ئەسلىھە - سايمانلىرى مول بولۇپ، بالىلارنىڭ تۈرلۈك تەنھەرىكەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. «گەرچە بىز تاغ ئىچكىرىسىدە بولساقمۇ، لېكىن ھازىرقى مەكتەپ مۇھىتى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىمىز شەھەر رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئازراقمۇ قېلىشمايدۇ» دېدى شياڭبا ۋەنچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ يىفۇ.

ھالبۇكى ئالدىنقى يىللاردا، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى يەنىلا باشقىچە ئىدى. فېڭدۇ ناھىيەسى 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى بىرىكتۈرۈپ سېلىپ، ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئادىمى 100گە يەتمەيدىغان كەنت تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە كۆلىمىگە ئاساسەن ھەر يىلى 40 مىڭ يۈەن ئاممىۋى خىراجەت ياردەم پۇلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، ناھىيە بويىچە 121 مەكتەپ ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، 285 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ ياتىقى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، مەيدان، ئەسلىھە، ئوقۇتقۇچى ۋە «20 تۆۋەن چەك» ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو مائارىپى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئادىللىققا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىدى. دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا %4تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ، يېزا رايونلىرى، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، چەت - يىراق نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا ئالدىن مايىللاشتۇرۇلدى، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، رايونلار، شەھەر - يېزىلار، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرق تەدرىجىي كىچىكلىدى، تېخىمۇ كۆپ بالا كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەزەلدىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. 2021 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر - بازارلاردا 12 مىليون 690 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردىكى 5 مىليون 450 مىڭ ئىشسىز كىشى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتى، قىيىنچىلىقى بار 1 مىليون 830 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، زاكاز شەكلىدىكى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق «قوش دەل جايىدا بولۇش» ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ئۆي جاھازلىرى لايىھەلىگۈچى يۈ خېجيەن دەل شۇلارنىڭ بىرى. يۈ خېجيەن دۇڭگۇەن شەھەرلىك يېنىك سانائەت مەكتىپىنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا، چوڭ شىركەتكە بېرىپ پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئۇ ئىشنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ بىرىنچى سېپىدىن باشلاپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە تايىنىپ ئۆي جاھازلىرىنى لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىر گۇاڭدۇڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھىدىن 19نى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھىدىن 29نى ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكوملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 37نى قۇرۇپ، كەسىپ شۆيۈەنىدىن 146نى قۇرۇپ، كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2021 - يىلى 9 - ئايدا، «دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتى» مۇستەقىل باب قىلىندى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۇدا 12 يىل «مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتى»نى دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتىن يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقىچە، مۇھىت قوغداشقا ئائىت قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىشقىچە... ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. «مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتى»نى قوغداش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىككە ئايلاندى.

يىراقتىكى تاغ، سۇلۇق يەر، كارىدورلۇق كۆۋرۈك، ئاققوتان ۋە باش يازدىكى قۇياش نۇرى سۈپسۈزۈك پىڭشۇي دەرياسىغا چۈشۈپ، جىلۋىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرى شياڭدۇڭ رايونى جياڭكوۋ كەنتىگە كىرگەندە، كەڭ كەتكەن سۇ ماكانى مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. پىڭشۇي دەرياسى پىڭشياڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريا يولىنىڭ جياڭكوۋ كەنتىدىكى بۆلىكى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىلگىرى كەنتتىكى تۇرمۇش يۇندىسىنىڭ كۆپ قىسمى دەرياغا قۇيۇلاتتى، سۇ سۈپىتى ئۇزاق مەزگىل ناچارⅤ تۈرگە تەۋە ئىدى. «ئەينى چاغدا، سېسىق دەريا سۈيىگە قارىسام، ناھايىتى زور بېسىم ھېس قىلاتتىم» دېدى جياڭكوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ۋېنچۈن خورسىنغان ھالدا: «كەنت ئاھالىلىرىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇلغىنىشنى تۈزەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ تۈزىشىمىز كېرەك!»

2018 - يىلىدىن باشلاپ، جياڭكوۋ كەنتى دەريا يولىنىڭ «غار - غار ئۆردەك تۇمشۇقى»غا ئوخشايدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، «غار - غار ئۆردەك − سىم - سىم يامغۇر» ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ، پىڭشۇي دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزىدى. تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىنى يېڭىدىن قۇردى، يەرلىك «بۇلۇتسىمان ئۆسۈملۈك» ئۆستۈرۈشنى ئومۇملاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رېۋىزىيە قىلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سۇ ئورنىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، دەريا توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى دائىملاشتۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. دەريا يولى سۈزۈلدى، كەنت گۈزەللەشتى، كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تەدرىجىي كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى.

كەنتكە تۇرمۇش ئۆگىنىش، رەسىم سىزىش ئۈچۈن كەلگەن سەنئەتكارلارنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسى چېن يۈنفامۇ رەسىم قەلىمىنى قولىغا ئېلىپ، ماي بوياق رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى: «مەن كەنتىمىزنى سىزىشنى ياخشى كۆرىمەن، بىز خۇددى رەسىم ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز.» ئېتىز قىرلىرىدا، دەريا بويلىرىدا، ئورمانلىقلاردا ئۇنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى تۇرمۇش ئۆگىنىۋاتقان سىيماسىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردە PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 30 مىكرو گىرام/كۇب مېتىر بولۇپ، 2015 - يىلىدىكىدىن %34.8 تۆۋەنلىگەن؛ مەملىكەت بويىچە سۈپىتى ياخشى بولغان يەر ئۈستى سۈيىنىڭ كەسمە يۈزى نىسبىتى ئۆسۈپ %84.9كە يەتكەن.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى پائال راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى كۈچلۈك كېڭەيتتى.

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بوجوۋ شەھىرى چياۋچېڭ رايونى ۋېيگاڭ بازىرىدىكى 72 ياشلىق ياشانغان كىشى جوۋ ۋېنيىڭ ئاخىر بىر غەمدىن خالاس بولدى: 2008 - يىلى سىشۈ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ياسىغاندا، جوۋ ۋېنيىڭنىڭ قىزىل ئالۇچا دەرىخى ئۆستۈرگەن مېۋىلىك بېغى يەر ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى، لېكىن تۆلەمگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغاچقا، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ياشانغان كىشى ئىزچىل مەسىلە ئىنكاس قىلىپ كەلگەنىدى. يېقىندا، جوۋ ۋېنيىڭنىڭ قىيىن مەسىلىسى ئىشىك ئالدىدىلا ھەل بولدى. بۇ، چياۋچېڭ رايونىنىڭ يېزا - بازارلاردا ئامما خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش تەدبىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چياۋچېڭ رايونى پۈتۈن رايوندىكى يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)لاردا ئامما خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى، كەنت(مەھەللە)لەردە ئامما خىزمىتى مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرچىسى، قانۇن - نىزام، سىياسەت تەشۋىقاتچىسى، مەمۇرىي ئىشلىرىنى بېجىرگۈچىسى، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت مۇرەسسەچىسى بولۇپ، «كىچىك ئىشنى كەنتتىلا ھەل قىلىش، چوڭ ئىشنى يېزا - بازاردىلا ھەل قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇردى. نۆۋەتتە، چياۋچېڭ رايونى پۈتۈن رايوندىكى 24 يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)نى تولۇق قاپلىغان 299 ئامما خىزمىتى مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) تەسىس قىلدى، بۇ ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشىك ئالدىغا ئەرزگە كەلگەن ئاممىنى بىر ئورۇندا كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇن مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدىلا ھەل قىلدى.

ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى «راۋان يول»نى ئېچىشتىن يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقىچە؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشتىن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشىغا قاتنىشىشىغىچە؛ 12345 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىدە كېچە - كۈندۈز ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشتىن ئەرزنى قوبۇل قىلىپ دەرھال بېجىرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشقىچە... ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىدىكى دېموكراتىيە يوللىرى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلغان دېموكراتىك قاتنىشىش شەكلى خەلق ئاممىسىنى مەنپەئەت تەلىپىنى تېخىمۇ راۋان ئىپادىلەش، دېموكراتىيە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ قولايلىق يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىندى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە نامايان قىلىندى.

(خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چاڭيۈ، ۋاڭ شىنيۆ، خۇڭ چيۇتىڭ، ياڭ يەنفېي، شۈ جىڭ)

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.