تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى بىر مەقسەت، بىر نىشاندا تەرەققىيات كۆزلەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يېقىن قوشنا بولۇپ ئۆتتى، «بەلگىلەنگەن دائىرىدە ھەرىكەت قىلىش، پاسىل بويىچە ئىدارە قىلىش»تەك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما يۇغۇرما تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش

ياز كۈنلىرى ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرى تۈپتۈز كەتكەن چوڭ يوللارغا چۈشۈپ تۇراتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە زاۋۇت ئۆيلىرى قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ئىشچىلار ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى.

بۇ، بىڭتۇەن 12 - شى بىلەن ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئورتاق قۇرغان كەسىپلەر تەرەققىيات ھەمكارلىق رايونى. 2007 - يىلىلا، ئۇلار مەمۇرىي چەك - چېگرانى بۇزۇپ تاشلاپ، باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش، مەنپەئەتنى ئايرىش ئەندىزىسى بويىچە، يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا ماڭغانسېرى يېقىن بولۇپ، ماڭغانسېرى كۈچىيىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ھەر تەرەپلىمە، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى رايون ئىچىدە ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

6 - ئايدىكى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونىدا، نۇقتىلىق تۈرلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلدى.

شىنجاڭ يىلىخۇڭ بىيو يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرىنىڭ 9 - ئايدا تولۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. «بۇ يەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، قاتناش رايون ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى مۇلازىمىتى كارخانىلارنىڭ بۇ يەرگە ماكانلىشىشىدىكى ئاچقۇچ.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ خۇڭلېي مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 9 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى 2500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەندى.

كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتتى، رايونلار ئارىسىدىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى 9 - شى تەۋەلىك رايونى، شىما بىڭتۇەن - يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىيات سىناق رايونى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، قاتار - قاتار يېڭى باغچە رايونلىرى، يېڭى زاۋۇت ئۆيلىرى، تۈركۈم - تۈركۈم ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق تۈرلىرى، يۇمشاق دېتال ئۇچۇر كەسپى تۈرلىرى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد تۈرلىرى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

دەرەخ كۆپەيسە ئورمان بولىدۇ، قۇم يىغىلسا تاغ بولىدۇ، كۈچنى بىرىكتۈرگەندە ئاندىن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. «2<1+1»نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى كۆزلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەشتىكى يۇغۇرۇلۇش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

تەرەققىيات مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىش

بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىش، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، بىڭتۇەن قاتناش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان 3 - شى 46 - تۇەن − ئېلىشقۇ بازىرى تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ، بىڭتۇەن 3 - شى 46 - تۇەن يۇڭشىڭ بازىرى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى، بىڭتۇەن 3 - شى 54 - تۇەن شىڭئەن بازىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر مۇھىم يول، لىنىيەدىكى يەكەن دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى بۇ رايوندىكى بىردىنبىر قاتناش كۆۋرۈكى.

«كۆۋرۈك يوق چاغدا، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا بارماقچى بولساق پەقەت ئايلىنىپ مېڭىشىمىزغا توغرا كېلەتتى، 30 نەچچە كىلومېتىر يولنى ئارتۇق ماڭاتتۇق.» يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدىكى ئاھالە ئاراي سېرىك مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتوموبىل بىلەن نەچچە مىنۇتتىلا دەريادىن ئۆتەلەيمىز. بىر كۆۋرۈك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساتالايدىغان بولدۇق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتكەندە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ.

بىڭتۇەن 4 - شى 70 - تۇەنىگە جايلاشقان كارخانا تەيكۇن يەم - خەشەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ %40 خىزمەتچىسى ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت «قوش پايدا» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بىز ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى خىزمەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن ئورۇندا زاۋۇتنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ئاپىرىپ ئەكېلىمىز، ئۆيى يىراق خىزمەتچىلەرنى ھەقسىز ياتاق - تاماق بىلەن تەمىنلەيمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ چياڭ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى، شىركەت يەنە قەرەللىك ھالدا خىزمەتچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچ قوشىدۇ».

ئۈمىد ئېتىزلىرىدا يەرلىك بىلەن گىرەلەشمە تەرەققىي قىلغان بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

كورلا شەھىرى تۇۋۇرچى يېزىسى ئەللىككەتمەن كەنتى نەشپۈت ئۆستۈرۈلىدىغان كەنت. نەشپۈت بازىرى ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، باغۋەنلەرنىڭ پەرۋىش تېخنىكىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىڭتۇەن 2 - شى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بۇ كەنتتە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما ياش پەن - تېخنىكا پىدائىيلىرى مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى باغۋەنلەرگە نەشپۈت پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى قەرەللىك، ھەقسىز ئۆگەتتى.

ھازىر، كەنت ئاھالىسى مەمەت مامۇت ھەر كۈنى ئۆز بېغىدىن چىقماي نەشپۈت دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى چاتايدۇ.

«چاتاش ياخشى بولمىسا، دەرەخ گەۋدىسىنىڭ شامال ئۆتۈشۈش، يورۇقلۇق چۈشۈش شارائىتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېۋىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.» يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مەمەت تېز ئىلگىرىلىدى، «مۇتەخەسسىسلەر بار بولىدىكەن، بىز نەشپۈتتىن چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز».

يۇغۇرۇلۇش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

گۇگۇم ۋاقتى، سىرتتا مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. كىشىلەر تۇدۇڭخابا جىلغىسى ئورمان باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى، ئېرىقلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، باغچىغا ھۆسن قوشقانىدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى شەرقتىن غەربكە تۇتاشقانىدى. «تۇدۇڭخابا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ھازىر بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى سانجى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى چېڭ شۆتىڭ.

ئىلگىرى، بۇ يەردە ئۈنۈملۈك تۈزەش كەمچىل بولغاچقا، ھەممە يەرنى ئەخلەت قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ئامما بۇ يەرنى «باشنى ئاغرىتىدىغان دەريا» دەپ ئاتىۋالغانىدى. 2019 - يىلى، بىڭتۇەن 12 - شى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «بىر يىرىك پىلان، بىر ئۇلۇغۋار پىلان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش» تەلىپى بويىچە، دەريا جىلغىسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىنى رەسمىي باشلاپ، دەريا ئېقىنىنى تەبىئەتكە قايتۇرۇپ، تۇدۇڭخابا دەرياسىنى قىرغاقتىكى پۇقرالارنىڭ «بەخت دەرياسى»غا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس - بەستە بارىدىغان «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندۇردى.

قانچە يۇغۇرۇلغانسېرى، شۇنچە ئىناق بولدى، شۇنچە تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا «بىر تاختا شاھمات» بولۇش، يىرىك پىلاندا «بىر پارچە خەرىتە» بولۇش، قاتناشتا «بىر تور» بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئورتاق يۇغۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

بىڭتۇەن 5 - شى شۇاڭخې شەھىرى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى پائال بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈردى.

بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى ھەرقايسى مەكتەپلەرنى قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر بىلەن مەكتەپلەر ئارا قوشماقلىشىپ ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى مەكتەپلەرنىڭ «ئوقۇش - ئوقۇتۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش» ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىرلىشىپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش، ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

...

ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا، بىر مۇنبەت تۇپراقتا بىللە ياشاش. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىدى، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆپ تەرەپ ئورتاق پىلانلاش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئىسلاھات - تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ سىجىل ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر تاختا شاھمات»نى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر پارچە خەرىتە»نى ئورتاق سىزىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.