تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ـ ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى» «شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قان قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭراتتى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، دۈشەنبە. كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش بىلەن تەڭ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، چۆچەك شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇلتۇر، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، سالىقجان ئىمىن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، سالىقجان ئىمىن ھېلىمۇ ئىنتايىن ھاياجانلىناتتى: «بۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلىرى. مەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ھويلامدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىمەن، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى پەرزەنتلىرىمنىڭ قەلبىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن».

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئورتاق ئىرادىسى.

سالىقجان ئىمىن ئائىلىسىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا چىڭ تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملىگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى پۇقرالار تەربىيەسى، كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزدى.

«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن! مەن مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى چوقۇم يەتكۈزىمەن» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز.

قۇربان نىياز دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چوڭ قورۇسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. ئۇ «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈپ تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش تۈرى»نى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولدى، مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئاز ـ ئازدىن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بۇ يىل 1 ـ ئايدا، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قارلىق دالىدا ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئەزىمەتلەرنى ئۇزىتىپ قويدى؛ 4 ـ ئايدا، شاڭخەيدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ماددىي ئەشيالىرى شاڭخەيگە تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ يەتكۈزۈلدى... قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چىن قەلبتىن سۇغىرىش

5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماي، 8000 چاقىرىم يىراقلىقتىن يىتكەن نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە يەردىكى كىشىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھەنى ئېلىپ، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دىكى يېڭىدىن ئېچىلغان ناۋايخانىغا كېلىپ، ناۋايخانا ئىگىسى ھوشۇراخۇن قۇرباننىڭ يىتىپ كەتكەن سومكىنى گۇاڭشىغا ئەۋەتىپ، نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

«بۇ لەۋھەنىڭ مەڭگۈلۈك دوستلۇقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چاڭ جيابىڭ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ـ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بۇ، باشتىن ـ ئاخىر بىردەك بولغان ئېتىقاد، قان تومۇرغا سىڭىپ كەتكەن گېن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەرىكەت.

قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە پۈتۈن دۆلىتىمىزدە كەڭ تارقالدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك ئالىيجاناب روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ نەمۇنىچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭ ھېكايىلىرى ھەممە يەرگە تارقالدى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىنىڭ سابىق چېگرا قوغدىغۇچىسى لاچىن بايەكە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، مۇز تۇتقان كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزدى. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك بۇ قەھرىمانە ھەرىكەت ئۇنىڭ ھاياتىنى 41 ياشتا مەڭگۈلۈك توختىتىپ قويدى.

بىر مەيدان 1400 كىلومېتىردىن ھالقىغان قۇرۇقلۇق ـ ھاۋادا كۈچ ئۇلاش ۋە ھايات ـ ماماتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنىڭ خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تارقالدى.

قەشقەرلىك ئۆسمۈر ئابدۇغېنى مامۇت گۇاڭجوۋدا كۆز مۈڭگۈز پەردىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىرلىكتە تىرىشىپ، كۆرۈش ئىقتىدارى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ئۆسمۈرنى رەڭدار دۇنيانى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشتۈردى.

يەنە ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن پۇل ئالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىزنىكىنى چىقارغان ئابدۇجاپپار مېڭدى؛ 4700 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە مۇھەببەتلىك «ۋاكالىتەن ھەيدىگەن» شىنجاڭلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى...

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەربىر پارچە تۇپراقتا مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان تەسىرلىك ھېكايىلەر چوڭقۇر نامايان بولماقتا. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ، ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندى، ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كىچىككىنە ھەرىكەتلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى.

3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ھەقىقىي ئىش ئىزلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق كىنو پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلغاندىن كېيىن، كىنونى كۆرۈش قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى. «قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز...» دەپ سۆز قالدۇردى تورداشلار كىنونى كۆرگەندىن كېيىن.

ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش

5 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى روزا ھېيت، كورلا شەھىرىنىڭ چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ شياۋباۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پېنسىيەگە چىققان ئىشچى قادىر قېيۇم ئائىلىسىگە كېلىپ ھېيتنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ قەلبى قويۇق قېرىنداشلىق مېھرىگە تولدى.

قادىر بىلەن ۋاڭ شياۋباۋ بەش يىل ئىلگىرى تۇغقانلاشقانىدى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، ئىككى ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد 20 نەچچە كىشىمۇ تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان، ئەڭ كىچىكى ئىككى ياشقا كىرگەنىدى. «56 مىللەت ئەسلىدىنلا ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قېرىنداشلىق مېھرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى قادىر.

«بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىساقمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ يېقىن ئۆتىمىز.» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەر شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەر كۈنى يۈزبەرمەكتە.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 40قا يېقىن بالا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 30 نەچچە شەھىرىدىكى بىر قىسىم شەخس، ئائىلە ۋە كوللېكتىپ بىلەن قوشماقلىشىپ 36 جۈپ «ئانار گۈلى»دەك تۇغقان بولدى؛ توققۇزتارا ناھىيەسى تىكئېرىق بازىرى تىكئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى موۋ جيەنچيۇ بىلەن تۇرسۇن مەمەت بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولۇپ ئون يىلنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، سىرداش ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى؛ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسى كۆلياقا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى جاڭ جيۇخۇا بىلەن ھۈسەيىن زىكىن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدى، ئۇلارنىڭ 60 يىللىق دوستلۇق مېھرى بىلەن ئىككى ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر سېنىڭ ـ مېنىڭ دېيىشمەي، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتتى...

پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما سانسىزلىغان تۇغقانلار بىلەن تۇغقانلىشىپ، سانسىزلىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى. «ئانارگۈلىدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تەك ئىناق مەنزىرە دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى جانلىق نامايەندىسى.

ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ كۆلەمدە ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جان تومۇرى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.