تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 6 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى قويۇپ بېرىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 6 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى لىخەن، جاڭ رۇيجيې) بوشلۇق پونكىتى باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ ۋاقتى 6 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى دەل سائەت 10دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 14 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتاغا پات ئارىدا ئىتتىرگۈچ ماددا قاچىلاش باشلىنىدۇ.

بۇنى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن شىچياڭ 6 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلدى.

لىن شىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش باسقۇچىدىكى 2 ـ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بۇ باسقۇچتىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئوربىتىدا ئالتە ئاي خىزمەت قىلىدۇ ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ۋەزىپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى، مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىنىڭ يادرولۇق بۆلۈمچە بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىشى ۋە ئورۇن يۆتكىلىشىگە ماسلىشىپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئوربىتىدا قۇراشتۇرۇپ ياساشنى تاماملاش؛ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۆلۈمچىسىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەر ھەم بوشلۇقتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى تاماملاش؛ بوشلۇق ئىلىم ـ پەن تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش؛ كۈندىلىك ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلەشتىن ئىبارەت.

پىلان بويىچە، شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە رادىيال يۆنىلىشلىك ئۇدۇللىشىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى ھەم تيەنجوۋ 3 ـ نومۇرلۇق، تيەنجوۋ 4 ـ نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بىلەن بىرلەشمە گەۋدە شەكىللەندۈرىدۇ.

نۆۋەتتە، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن تيەنجوۋ 3 ـ نومۇرلۇق، تيەنجوۋ 4 ـ نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ ھالىتى ۋە تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمىتى نورمال بولۇپ، ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش شارائىتى ھازىرلاندى. شېنجوۋ 14 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 14 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇچۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ياخشى، يەر يۈزى سىستېمىسىدا ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.