تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ناھىيە خەۋەرلىرى | شىنجاڭ قۇتۇبى: «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» دېھقانلارنى شال ئارقىلىق بېيىتتى

    ئاپتورلار: ۋاڭ جۈنۋېي، ئاخۇ سەيلىزەيكې

    5-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرىنىڭ گۇاڭلىن كەنتىدىكى شاللىقتا دېھقانلار مايسا ئايرىش، مايسا تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرى گۇاڭلىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شۇ جاينىڭ سانائەت كارخانىلىرى بولماسلىق، بۇلغىنىش بولماسلىقتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، ئورگانىك شال تېرىقچىلىقىنى پائال راۋاجلاندۇردى ھەم «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى شال كەسپى يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورگانىك گۈرۈچ ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى شال ئارقىلىق بېيىتتى.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، قۇتۇبى ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.