تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

5 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

گو شېڭكۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا خۇلاسە سۆزى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.