تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

21 جۈپ ئەر-خوتۇن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۈمۈش توي، ئالتۇن توي خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دەي جياۋمېي) 5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەتىرگۈل قورۇقىدا كۈمۈش تويى، ئالتۇن تويى بولغان 21 جۈپ ئەر- خوتۇننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ قىزىل پاياندازغا قەدەم قويدى، دەل شۇ پەيتتە گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. بۇ، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسى ئاپتونوم رايوننىڭ 40- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىنى پۇرسەت بىلىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى 21 جۈپ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان كۈمۈش تويى، ئالتۇن تويى بولغان ئەر- خوتۇن ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن «جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش» كۈمۈش توي، ئالتۇن توي خاتىرە پائالىيىتى ئىدى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى كۈمۈش تويى، ئالتۇن تويى بولغان 21 جۈپ ئەر- خوتۇن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى خىزمەتچىلەر ياشانغانلارغا خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى توي قىلغىنىغا 53 يىل بولغان ۋاڭ فۇلىن بىلەن سۇ جېن توي خېتىنى كۆرسەتتى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ياشانغانلار قول تۇتۇشۇپ قىزىل پاياندازدىن ئۆتتى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، كۈمۈش تويى بولغان ياشانغانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، كۈمۈش تويى بولغان ياشانغانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دەي جياۋمېي فوتوسى

   مەھەللە كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياشانغانلارغا گۈل، پېچىنە- پىرەنىك، مېۋە- چېۋە، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى، ياشانغانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، كۈلكە ۋە ئالقىش سادالىرى پۈتكۈل ئەتىرگۈل قورۇقىدا ياڭرىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.