تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يان تېلېفونغا ئۇزاق قارىغاندا كۆزدىكى سېرىق داغ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇ؟

  يان تېلېفونغا ئۇزاق قارىغاندا سېرىق داغ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ بۇ كېسەللىك ئادەتتە چوڭ ياشلىقلارنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى

  يېقىندا، توردا مۇنداق بىر پاراڭ تارقالدى، يەنى ئۇزۇن ۋاقىت، بولۇپمۇ كېچىدە يان تېلېفون ئويناش كۆز قىسمىدا سېرىق داغ كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ، سېرىق داغ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خۇددى «كۆز راكى»غا گىرىپتار بولغانغا ئوخشاش، زادىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، سېرىق داغ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى پاتولوگىيەلىك مېخانىزم ئاساسلىقى كۆز قىسمىدىكى سېرىق داغ رايونى قۇرۇلمىسىنىڭ قېرىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت، ئادەتتە چوڭ ياشلىقلارنىڭ كۆز ئىقتىدارى چېكىنسە، تەبىئىي مۇشۇنداق بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆرۈش تور پەردىسى توقۇلمىلىرى چېكىنىپ، نېپىزلەپ، سېرىق داغ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېرىق داغ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىرسىيەت، ياش، كۆز قىسمى ياللۇغى، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاماكا چېكىش، ئۇزاق مۇددەت تالادا خىزمەت قىلىش، كۆز كۈچلۈك يورۇقلۇقتا قېلىش قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ قاراڭغۇدا يان تېلېفون ئويناش، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت يان تېلېفون كۆرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق.

  ئۇنىڭدىن باشقا، سېرىق داغ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى «كۆز راكى» دېيىشمۇ توغرا ئەمەس. ئاتالمىش «كۆز راكى» كۆز قىسمىدا ئۆسكەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئىرسىيەت ياكى ئۆزىدىكى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «قاراڭغۇدا يان تېلېفون ئوينىسا كۆز راكىغا گىرىپتار بولىدۇ» دېيىش كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇپ، كىشىدە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.

  ئەمما، بۇ قاراش ئىلمىي بولمىسىمۇ، لېكىن يان تېلېفون ئويناشقا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ناچار ئادەت بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يان تېلېفون ئويناش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، چارچىتىپ زىيانغا ئۇچرىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېز تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، ياش تۇرۇپلا بويۇن ئاغرىش، بەل ئاغرىشقا باشلايدىكەن، ئەسلىدىكى پارقىراق تېرىدە تۇتۇق داغ، دانىخورەك پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە يان تېلېفونىدىكى مەلۇم خىل مېتالغا قارىتا زىيادە سەزگۈرلۈك ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت يان تېلېفون ئويناش ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ يورۇقلۇقى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە بىز يان تېلېفوننى قويۇپ قويغاندىن كېيىن كۆپ ھاللاردا ئۇيقۇغا غەرق بولالماي، سەگەك ئۇخلاپ قالىمىز. بۇنداق ئەھۋال كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئۇيقۇنىڭ قانۇنىيىتى ئۈزۈل- كېسىل قالايمىقانلىشىدۇ، ئادەم بارغانسېرى ئاسان ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، يان تېلېفون ئويناشقا بارغانسېرى بېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.

  شۇڭا، كۆپچىلىك يەنىلا يان تېلېفوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھەرگىزمۇ «يان تېلېفوننىڭ كونتروللۇقى»غا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.