تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پەقەت كىچىك بالىلارلا كالتسىي تولۇقلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس

  پەقەت كىچىك بالىلارلا كالتسىي تولۇقلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس

  بەزىلەر بالىلارلا كالتسىي تولۇقلاشقا مۇھتاج، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سۆڭىكى تولۇق يېتىلگەن بولىدۇ، كالتسىي يېتەرلىك، كالتسىي تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ.

  

     ھەقىقىي ئەھۋال

  ئادەم مەلۇم ياشقا بارغاندا، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەيدۇ، كالتسىي تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ كۆپىيىدۇ. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، يىقىلىپ چۈشسە ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇپ كېتىدۇ، ھالبۇكى سۆڭەك سۇنغاندىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەر (مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغى، پۇت ۋېنالىرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش، ياتاق يارىسى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، ياشانغانلارنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  بولۇپمۇ، ياشانغان ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئاياللارنىڭ سۆڭىكىنىڭ سۇنۇش خەۋپى % 30 ~ % 40 كە يېتىدۇ، ئەرلەردە ئاران %13 بولىدۇ.

  سۆڭەك شالاڭلىشىش ئېلىپ كېلىدىغان خەتەردىن يىراق تۇراي دېسىڭىز، بالدۇرراق كالتسىي ۋە ۋىتامىن D تولۇقلاڭ.

  سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى يوق كىشىلەر توپىنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە كۆرسىتىلگەن كالتسىي مىقدارىنى، يەنى كۈنىگە 800 مىللىگىرام كالتسىي قوبۇل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھەر كۈنى بىر خالتا سۈت ئىچىپ، بىر نەچچە پارچە دۇفۇ، يېرىم جىڭ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات يېگەندە بۇ ئۆلچەمگە ناھايىتى ئاسانلا يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى 15 مىكروگرام ۋىتامىن D تولۇقلاپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ھەر كۈنى 1200 مىللىگىرام كالتسىي قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئامال بار تەركىبىدە تەبىئىي كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك. ئەگەر ھەر كۈنى ھەقىقەتەن تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارغا يەتكۈزۈپ يېيەلمىگەندە، بىر قىسىم كالتسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى يېسىمۇ بولىدۇ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، كالتسىي مىقدارى 300 مىللىگرام بولغان تولۇقلاش تابلېتكا دورىلىرى مۇۋاپىقراق.

  كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغان تولۇقلىغۇچى دورىلارنى تاللاشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بىر قېتىمدا بەك كۆپ تولۇقلىغاندا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، كۈندىلىك كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى 2000 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى زىيادە يۇقىرى بولغان كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  كالتسىي تولۇقلىغاندىن باشقا، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە تاماكىنى تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش كېرەك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش سۆڭەك مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، تاماكا ۋە ئىسپىرت سۆڭەككىمۇ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، تاشلىۋېتەلىسە ئەڭ ياخشى.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.