ھازىر دەل ئانار چېچەكلەيدىغان پەسىل. 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى چۈگۈر كەنتىدىكى 1200 مودىن چوڭراق ئانار ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئانار چېچەكلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېچىلاي دەپ قالغان، بەزىلىرى ئېچىلىشقا باشلىغان، بەزىلىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، باش يازدىكى قۇياش نۇرىدا، قاتمۇ قات يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدىكى توق قىزىل رەڭلىك چېچەكلەر ئاجايىپ جۇلالىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنى نامايان قىلغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىر: جاڭ يۆجياۋ، ئۈمىد قادىر