تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياشانغانلار بىلىۋالسۇن، كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا بۇ نومۇرلارغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى يې شياۋمىن) 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەش، «كۈتۈنۈش تۈرى»گە مەبلەغ سېلىش، «كۈتۈنۈش مەھسۇلاتى» سېتىش، «ئۆي ئارقىلىق كۈتۈنۈش»، «كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى»نى ۋاكالىتەن بېجىرىش، «كۈتۈنۈش جەھەتتە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش» قاتارلىق ناملاردا ئالدامچىلىق قىلىش، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يېرىم يىللىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يەنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەر بويىچە «كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقى»غا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تۈزەپ، تىزىملاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى نامىدا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرغان سورۇنلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ھەر قايسى رايون، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى كۆپلىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش، ئارخىپنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، ھەق ئېلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقى مەسىلە يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئالدامچىلىقىنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدايدۇ.

  ئاممىنىڭ ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچىنى پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى، بۇ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىش شەكلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاھالىلەر 12337 ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاش قىلىش سۇپىسى ۋە تۆۋەندىكى تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ:

  0991-4917203، 19509023573

  پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى: a19509023573 @126.com

  پاش قىلغۇچىلار يەنە تۆۋەندىكى تېلېفونلارغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ:

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى:

  4630656- 0991 4634409- 0991 0991-4634413

  ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى:

  تىيانشان رايونى: 8885763-0991

  سايباغ رايونى: 5892880-0991

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) : 6672433- 0991

  شىمىگۇ رايونى: 4184635- 0991

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) :3929971- 0991

  مىدۇڭ رايونى: 3367344- 0991

  داۋانچىڭ رايونى: 5919076-0991

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى: 5923036-0991

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى