تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەمگەكچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەرسە تولۇقلىما پۇلى بېرىلمەمدۇ؟

 

 رەددىيە: خىزمەتچىلەر شەخسىي سەۋەبتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەرسە، ئادەتتە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بېرىلمەيدۇ. لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالدا خىزمەتچىلەر «ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولسا»، شىركەت يەنىلا ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك: ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بەرمىگەن بولسا؛ ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىگەن بولسا؛ ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈمى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئەمگەك توختامى تۈزگەندە ئالداش، مەجبۇرلاش، قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئەھۋاللىرى ساقلىنىپ، ئەمگەك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىسى بىلەن ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى