تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بولو يېگەندە ئېغىز قاناشنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

   بولو كۆپچىلىك بىرقەدەر ياخشى كۆرىدىغان مېۋە، لېكىن ئۇنى بىۋاسىتە يېگەندە ئادەمنى سەل بىئارام قىلىشى مۇمكىن. يېقىندا، داشۆ  ئوقۇغۇچىسى شياۋسۇڭ ئەمدىلا بولونىڭ يېرىمىنى يەپ بولۇشىغا ئېغىزىنىڭ ئىششىپ قاناپ قالغانلىقىنى بايقىغان. شياۋسۇڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بولونى سېتىۋېلىپ ياتاققا قايتىپ كېلىپ، تۇز بولمىغاچقا سۇدىلا چايقىغان. يېرىمىنى يېگەندىن كېيىن تىلىنىڭ ئازراق سانجىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى، بولو يۈزىدە  قان يۇقى بارلىقىنى بايقىغان، تىلى ۋە ئېغىزىمۇ ئىششىشقا باشلىغان، يېرىم سائەتتىن كېيىن قان توختىغان.

   نۇرغۇن كىشى بولونى يېيىشتىن ئىلگىرى تۇز سۈيىگە چىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بەزى تورداشلار: ئەجەبا تىلى سانجىلىپ ئاغرىش، قاناش \ تۇز سۈيىگە چىلىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىمۇ؟ ياكى بۇنىڭدا يەنە باشقا سىر بارمۇ، دەپ سورىشى مۇمكىن.

   «بولونىڭ قىرتاق، ئېغىزغا سانجىلىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى  بولودىكى يىڭنىسىمان كالتسىي ئوكسالات كرىستالى ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلىغانلىقىدا، بولونى تۇز سۈيىگە چىلىغاندا ئۇنىڭدىكى كالتسىي ئوكسالات كرىستالى ئازلاپ، «ئېغىزغا سانجىلمايدۇ». يېقىندا، كېشىن يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ كەي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.

   جۇڭ كەي مۇنداق دېدى: كالتسىي ئوكسالات كرىستالى بولو تەركىبىدە تەبىئىي بار بولغان ماددا بولۇپ، ئىنتايىن كىچىك، مىكرون دەرىجىلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆز -ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىغا تەۋە. بىز ئۇنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا، تۇز سۈيىگە چىلاپ بىر قىسىم كالتسىي ئوكسالات كرىستالىنى ئېرىتىۋەتكەندە، ئېغىزغا سانجىلىپ ئاغرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    «بولو تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى شىللىق پەردىنى غىدىقلىشى مۇمكىن، لېكىن ئادەتتە بىر ئاز ۋاقىت تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن سېزىمنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، يېگەن ھامان سانجىلىپ ئاغرىمايدۇ. بولو ئاقسىل ئېنزىمى بىلەن مۇگۇا ئاقسىل ئېنزىمى (يۇمران گۆش تالقىنى) ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەرسە، تۇز سۈيىمۇ پەقەت ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋاقىتلىق تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن ئۇنى بۇزۇۋېتەلمەيدۇ، شۇڭا تۇز سۈيىگە چىلاش ئۇنىڭغا قارىتىلمىغان» دېدى جۇڭ كەي چۈشەندۈرۈپ.

   جۇڭ كەي مۇنداق دېدى: «ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە كالپۇك، يۇتقۇنچاقتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەمدە تۇنجۇقۇش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىراق بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، پەقەت بولو يەپ باققان، زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بولسا بۇنىڭدىن  ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق».

   جۇڭ كەي ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بولو تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار مول بولسىمۇ، لېكىن قەنت مىقدارىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى، دىيابېت كېسىلى بارلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

   ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن بولونى قانداق ئاقلاپ تەييارلايمىز؟

   جۇڭ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: بولونى يېيىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن پوستىنى پاكىز ئاقلىۋېتىش كېرەك، بولونىڭ پوستىدا ئوكسالىك كىسلاتا بىرقەدەر كۆپ. بولونى پۈتۈن پېتى تۇز سۈيىگە چىلىمايمىز، بەلكى نېپىز يالپاقلاپ ياكى توغراپ ئاندىن تۈز سۈيىگە چىلايمىز. سۇس تۇز سۈيىگە چىلىغاندا، چوقۇم ۋاقىتنى ياخشى ئىگىلەش، ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەت ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا چۈچۈمەللىكى تۆۋەنلەپ، تاتلىقلىشىدۇ، يېگەندىمۇ ئېغىزغا سانجىلىپ ئاغرىمايدۇ. بولونى تۇز سۈيىگە چىلاپ بولغاندىن كېيىن سوۋۇتىلغان قايناق سۇ بىلەن چايقاپ يۇيۇش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا بولونىڭ يۈزىدىكى تۇز سۈيى يۇقى تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.