تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى 4500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسى:

​پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى 4500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

5 - ئاينىڭ بېشىدا، قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىدا ئايلانغاندا، ئۇزۇنىسىغا، توغرىسىغا سوزۇلغان ئاساسىي غول يوللار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بىنالار، زاۋۇت ئۆيلىرى، خىزمەت سۇپىسى ئالدىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سىيمالارنىڭ ئۆزئارا بىرىكىپ، رىتىملىق گۈزەل مېلودىيە ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىلگىرى ئېكولوگىيەسى ئاجىز، كەسىپ ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، تەرەققىياتى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تۈرتكۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، پايپاقچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، ئېلېكتىرون پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئاساس قىلغان كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىنى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ بالىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 2020 - يىلى 3 - ئايدا قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى، شىركەت ئىچكىرى رايونلاردىن خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بولغان يىتوۋۇ، يىتوئېر، N95 ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى تولدۇردى.

«بۇ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ماسكىنى ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. ئىشچىلار پەقەت ماسكىنىڭ ئىلغۇچ يىپىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ماسكىنى ئوراپ قاچىلىسىلا بولىدۇ، ھازىر بىر كۈندە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىدىن 400 مىڭى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇداپىئە كىيىمى، خېسۇەن تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ» دېدى شىنجاڭ بالىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم.

«كەسىپ ئارقىلىق شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»، كەسىپ تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىش كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كاپالىتى. قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئەسقەر مەتنۇرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىغا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون كەسپى، پايپاقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ سودىگەر تاللاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك باغچە رايونى بەرپا قىلدۇق. ھازىرغىچە، 21 كارخانا باغچە رايونىغا ماكانلىشىپ، توقۇمىچىلىق كەسىپ باغچە رايونى، ئېلېكتىرون كەسپى باغچە رايونى، پايپاقچىلىق كەسپى باغچە رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى».

خوتەن لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، مۇخبىر كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئىشچىلارنىڭ كەپشەرلەش، قۇراشتۇرۇش، سىناق قىلىش، ئايرىش، ئوراش - قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلاردا ئىش تەقسىملەپ، ھەمكارلىشىپ، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ جىگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز 2020 - يىلى 10 - ئايدا قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىغا ماكانلاشقان، باتارېيە، زەرەتلىگۈچ، تىڭشىغۇچ، ئاق ماگنىتلىق كاناي قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا، مەھسۇلاتلىرىمىز ئافرىقا، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسى شۇ جاينىڭ كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى 4500دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ياۋا يېزىسى جايتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇل مەخمۇت ئىزچىل سىچۇەندە كاۋاپچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى، يۇرتىدا باغچە رايونى قۇرۇلغانلىقى، نۇرغۇن كارخانىنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى بىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ، لىڭخەي ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى.

«ئۈچ ئاي ئىلگىرى، مەن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ سايلاندىم، ئاساسلىقى تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، سېختىكى 800دىن ئارتۇق كىشىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدۇم.» ھازىر، ئوبۇلنىڭ ئايلىق مائاشى 7500 يۈەن، بانكىدا 100 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلى بار، ئۇ تويىغا ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

«كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسى پىلانلاپ قۇرغان كەسىپ تەرەققىيات رايونى، يانداش تۇرمۇش رايونى، بىنشۇي سودا رايونى ھەم يېزا - كەنت ئىستىراھەت رايونى تەدرىجىي شەكىللەندى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز <شەھەر>گە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپلەر توپىنى تېز سۈرئەتتە زورايتىش ئارقىلىق، قاتنىشى قولاي، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى بىلەن ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر سانى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ، مۇلازىمىتى تاكامۇللاشقان كەسىپ - شەھەر يۇغۇرۇلما باغچىسىنى بەرپا قىلىمىز» دېدى ئەسقەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.