تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆزگە نەرسە كىرىپ كەتسە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاڭ

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا

  كۆزىگە قۇم ياكى قىل كىرىپ كەتكەندە

  باشقىلار ياردەم قىلىپ پۈۋلىۋەتسە بولامدۇ؟

  دېزىنفېكسىيە دورىسى ياكى باشقا نەرسىلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە

  قانداق قىلىش كېرەك؟

  ھەل قىلىش چارىسى كەلدى! تېز ساقلىۋېلىڭ

  كۆزىڭىزگە قۇم كىرىپ كەتتىمۇ؟

  ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلماڭ!

  كۆزىگە قۇم ياكى قىل كىرىپ كەتكەندە

  كۆزنى توختىماي چىمىلدىتىش ئارقىلىق

  كۆزگە كىرىپ كەتكەن نەرسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ

  ئەگەر كۆزنى توختىماي چىمىلداتقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا بىئاراملىق ھېس قىلغاندا

  فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى چايقاش كېرەك

  ھەرگىزمۇ باشقىلارنى پۈۋلەتمەسلىك

  كۆزنىمۇ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك

  پۈۋلىگەندە، شۆلگەيمۇ تەڭ

  كۆزگە كىرىپ

  ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

  كۆرۈنمەس كۆزئەينەك تاقىغان كىشىلەر

  كۆزىنى ئۇۋۇلىغاندا كۆزنىڭ ئىككىنچى قېتىم يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

  يىلىم، دېزىنفېكسىيە دورىسى قاتارلىق نەرسىلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتكەندە

  قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

  502 يېلىم كۆزگە تېگىپ كەتكەندە

  شۇ جاينىڭ ئۆزىدە پاكىز ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن

  كۆزنى چايقىغاندىن كېيىن دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك

  ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىغا تېمىپ كەتسە

  بارماقنى ئىلمان تۇز سۈيىگە

  بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ بەرسە چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ

  ئەسكەرتىش

  502 يېلىم ئىشلەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى پەلەي كىيىۋېلىش كېرەك

  زۆرۈر تېپىلغاندا، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىۋېلىش كېرەك

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا

  84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت، ھاجەتخانا تازىلاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خىمىيەلىك بۇيۇملار

  دائىم ئىشلىتىلىدۇ

  بۇ خىمىيەلىك بويۇملار ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە

  بىرىنچى ۋاقىتتا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسى

  مەيلى بۇ خىمىيەلىك ماددا كىسلاتاغا مايىل، ئىشقارغا مايىل بولسۇن ياكى نېيترال بولسۇن

  كۆزگە كىرىپ كەتسىلا زىيانلىق

  ھەممىسى خىمىيەلىك كۆز سىرتقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  كۆز كېسەللىكلىرىدىكى جىددىي كېسەللىكىگە تەۋە بولىدۇ

  شۇڭا چوقۇم مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

  ئەتراپىدا تۇرۇبا سۈيى بولسا دەرھال

  كۆزنى تۇرۇبىدىكى ئېقىۋاتقان سۇغا تۇتۇپ تولۇق چايقاش كېرەك

  چايقىغاندا، يارىلانغان كۆز بار تەرەپنى تۆۋەنگە قارىتىپ چايقاپ

  چايقىغان سۇنىڭ ساق كۆزگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى

  بىر تەرەپتىن چايقاپ، بىر تەرەپتىن كۆزنى چىمىلدىتىپ

  20 - 30 مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندا

  كۆزگە كىرىپ كەتكەن خىمىيەلىك ماددىلارنى ئېقىتىپ ئازلاتقىلى بولىدۇ

  چايقاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتمىسى

  ئامبۇلاتورىيەدە

  ئىلگىرى يەنە تۈپلەش مىخى، قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۇچى، ياغاچ كېپىكى قاتارلىق

  نەرسىلەر كۆزگە كىرىپ كەتكەن ئاغرىق مىسالىنى قوبۇل قىلغان ئەھۋاللار بولغان

  بۇنداق نەرسىلەر كۆزگە كىرىپ كەتكەندە

  ھەرگىزمۇ كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك

  سۇ بىلەن چايقاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ

  دەرھال دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ

  ئېغىر دەرىجىدىكى كۆز يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1- قانىلى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.