تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولىمىز، تىرىشىپ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

كۈرەش قىلىش ياشلىق باھاردىكى ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭ، ھەرىكەت ياشلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چېنىقىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەنزىلدە غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.

مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مەڭگۈ داتلاشمايدىغان بۇرما مىخ بولىمىز

«جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەڭگۈ داتلاشمايدىغان بۇرما مىخ بولۇش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سۆزى كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈي جيۇشيۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

2014 - يىلى، شەندۇڭلۇق بۇ قىز داشۆنى پۈتكۈزۈپلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا كېلىپ، مەھەللە، يېزا - بازار، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى سۈي جيۇشيۇ.

شەخسنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ھەربىر ئادەم ئۆز ئىش ئورنىدا نۇر چېچىپ ھارارەت تارقاتقاندىلا، دۆلەت ئاندىن گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى داۋ نا مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش دولقۇنىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ياشلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمەن».

پارتىيە ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۆزىمىزنى «بۇرمىلاپ» كىرگۈزۈپ، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ ۋېييى مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا پورتىنى چىڭ ساقلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىمىز.

ئىلغارلاردىن، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا خاس قىياپەتنى يارىتىمىز

«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ياخشى دەۋرگە توغرا كەلگەن، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىستىقبال چەكسىز پارلاق.» ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ياشلار باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

بىڭتۇەن قاتناش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان 3 - شى 46 - تۇەن − ئېلىشقۇ بازىرى تاشيولى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى. تۈر قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لوۋ دۇڭدۇڭ يىغىننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ياش ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ تاشيول قۇرۇلۇشى ھۈنەر - سەنئىتى، ئىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچىمەن».

خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى (پىچان) چەكلىك شىركىتى ئىسكىلاتتا ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۈلجامال ئابلىز «ۋەتەنگە قايتقان» ياش، ئۇ، بۇ تۇپراقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يېتىپ، يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى. «باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىنى تولۇپ تاشقان غەيرەتكە ئىگە قىلىدۇ، ياشلارنىڭ قەلبىدە ئېتىقاد بولۇشى، ئۇلار ياشلىق باھارى ۋە تەرى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك» دېدى ئۇ.

23 ياشلىق ھېبىلجان راخمان شايار ناھىيەسىدە تۇرىدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئۆي بېزەش - لايىھەلەش دۇكىنى ئېچىپ، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىپلا قالماي، يەنە بىرنەچچە دوستىنى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى. «بۇ ئۇلۇغ دەۋردە، بارلىق ياش ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى، شۇنداقلا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى!» دېدى ھېبىلجان.

ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان بولىمىز

«<ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر>، بۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ بىر جۈملە سۆزنى جۇڭگولۇق «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» چېگرا قوغدىغۇچى ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭ ئېيتقان. 2020 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇ چېگرانى ساقلاۋاتقان، چېگرانى قوغداۋاتقاندا قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ھايات چېغىدا قالدۇرغان بۇ بىر جۈملە سۆزى جۇڭگو ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىغا ئايلاندى.

ئاۋانگارت دېگەن نېمە؟ پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىمى ئەلى ھۈسەن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن يېڭى دەۋردىكى كۆك كىيىملىك ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياشلىق باھارى جەڭ مارشىنى ياڭرىتىپ، <خەلقنى بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۆزىنى بېغىشلاش>تەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك جاراڭلىق قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن».

2020 - يىلى شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنىنىڭ ليەنجاڭى ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جەڭ ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، مۇداپىئەنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى، جەڭچىلەرنى ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز».

يۇقۇم ئالدىدا، سانسىزلىغان ياش تېببىي خىزمەتچى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى قۇردى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مۇجەسسەملەنگەن ئاشۇ ياشلىق كۈچى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گاۋسار ئاسقارنىڭ قەلبىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىدى.

«باش شۇجى <ياشلىق باھارىنى ۋەتەنگە بېغىشلاش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم.» گاۋسار مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەت داۋامىدا، مەن مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تېببىي ئىشلارغا ئاتلىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئاكتىپ ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن».

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، لياڭ لىخۇا، جاڭ يۈنمېي، ياڭ شۇخەن، جاڭ يەنفاڭ، چېن چياڭۋېي، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن جاۋيەن، جاڭ شىخۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.