تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

​شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

​لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلىق باھار چەكسىز ئۈمىد يېتىلدۈرىدۇ، ياشلار گۈزەل ئەتىنى يارىتىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ياخشى دەۋرگە توغرا كەلگەن، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىستىقبال چەكسىز پارلاق. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، زامانىمىزدىكى ياشلار مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەيگە يولىدا جاسارەت بىلەن باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، كەڭ ياشلارغا رىشتە باغلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ياشلىق باھارىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۇرغۇتۇشقا، ياشلىق ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرى ئارقىلىق تىرىشىپ بىر تېخىمۇ گۈزەل جۇڭگو يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئىتتىپاق گېربى، ئىتتىپاق گېربىنىڭ ئاستى تەرىپىگە «2022 − 1922» دېگەن سانلار ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، بارلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، دىققەت نەزەرىنى ياشلارغا قاراتتى، ئىنقىلابنىڭ ئۈمىدىنى ياشلارغا باغلىدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنى ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە جۇشقۇن ياشلىق مېلودىيەسىنى پۈتتى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن - ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ساداقىتىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پۈتۈپ، ياشلىق باھارىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىگە بېغىشلاپ، شان - شەرەپنى تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى تارىخىي سەھىپىگە نەقىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشقا مۇناسىپ، پارتىيەنىڭ سادىق ياردەمچىسى ۋە ئىشەنچلىك زاپاس قوشۇنى بولۇشقا مۇناسىپ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى غايىنى چىڭىتىپ، ئىرادىدىن قايتماي، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى. 100 يىللىق مۇساپە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىنى ياراتتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ غايە - ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي روھىنى ياراتتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ياراتتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ ياشلار ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت ھاياتىي كۈچ مەنبەسىنى ياراتتى. بۇ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشىدىكى مۇھىم قوللانما.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە، ياشلارنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىدە جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم، زور تېما. شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئالغا بېسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي مەكتەپ بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن نەزەر سېلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن تۇتۇش قىلىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئىرادە تىكلىشى، ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پارتىيەگە بولغان تايىنىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۇلۇغۋار پىلانغا قويۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەڭ ياشلارنى ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش جەريانىدا جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، جاسارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ياشلىرىنى مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەيدىغان ئاۋانگارت كۈچ بولۇش كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەنزىلدە غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇش، تىرىشىپ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، كەڭ ياشلارغا رىشتە باغلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ياشلار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم كۆۋرۈكلۈك ۋاسىتە بولۇش كېرەك. ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت خىزمەت جان تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياشلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلار ئويلىغاننى ئويلاپ، ياشلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ياشلارنى ئەمەلىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۆتىنچى، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىلغار تەشكىلات بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياشلارنىڭ تومۇرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ، ياشلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شەكلىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىزدە جەۋلان قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ياشلار ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارغا ئاڭلىق توغرىلىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش ئىستىلى بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشلار ئىتتىپاقىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلىش داۋامىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش ياشلاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئۈمىدى. يېڭى دەۋردىكى كەڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى غايىسى ئۇلۇغۋار بولغان، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك؛ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئىلغارلاردىن، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى، تىرىشىپ كەسىپ تايانچلىرى، ياشلار ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك؛ دادىل كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، رەزىللەردىن قورقمايدىغان، ياۋۇزلاردىن قورقمايدىغان، جىگەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەڭگۈ داتلاشمايدىغان بۇرما مىخ بولۇشى كېرەك؛ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، قانۇن - ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى كېرەك. كەڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى سىياسىي جەھەتتىكى مەشىقنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشى، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىشى، سىياسىي جەھەتتە ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىشى، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىپ، لاياقەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى نىشان قىلىشى، شەرەپ بىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىتتىپاق كادىرلىرى پارتىيەگە سادىق بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مۇستەھكەملەپ، غايىۋىزملىق روھىي خىسلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەڭ ياشلار بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، ياشلارنىڭ دوستى بولۇشى، ياشلارنىڭ «ئەمەلدار»ى بولۇۋالماسلىقى، ياشلار ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئازراق كۆزلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان خىزمەت ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، قۇرۇق گەپ ساتماي، كۆپرەك ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، دادىللىق بىلەن جاپالىق مۇھىت ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، جاپا - مۇشەققەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنى زىممىگە ئېلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، پۇختا ئىش قىلىشى كېرەك. پاك، تەلەپچان بولۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىپ، گەپ - سۆزدە ئېھتىيات قىلىپ، ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ، ئىرادە كۈچى، چىدامچانلىق كۈچى، ئۆزىنى تىزگىنلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، دۇرۇس، زەررىچە چاڭ - توزاننى ئۆزىگە قوندۇرمايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاۋانگارت ئەترەت، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى زەربىدار ئەترەت، پىيونېرلار ئەترىتى زاپاس ئەترەت. پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرىش، پارتىيەگە كىرىش ياشلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىشىدىكى «كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ سىمفونىيە»سى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بارلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى ئىتتىپاققا تونۇشتۇرۇپ كىرگۈزۈش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىدىن مۇنەۋۋەرلەرنى پارتىيەگە تونۇشتۇرۇپ كىرگۈزۈش خىزمەت مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش زەنجىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ياش پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى زور قىزغىنلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، زور زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ ياشلار خىزمىتىنى تۇتۇپ، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنى قىزغىن ئىشلىگۈچى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئىتتىپاق كادىرلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى بويىچە خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاسراشقا ئەڭ ئەرزىيدۇ، ئۈمىد كۈتۈشكە ئەڭ ئەرزىيدۇ. ياشلار خۇددى تۇپراقتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كۆچەتكە ئوخشايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخكە ئايلىنىپ، زېمىنغا تىرەك بولىدۇ. ياشلار يەنە خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە توپلاپ، ھامان بىر كۈنى نۇر ۋە ھارارىتىنى زېمىنغا تارقىتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغان ياشلىق مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى چوڭقۇر بايان قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى خې جۈنكې، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى چېن گاڭ يىغىندا سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ۋەكىللىرى ھەمدە قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.