تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كامېرادىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى

  يېقىندا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى پۈتۈن رايون بويىچە تەدرىجىي كىرىشىش شەكلىدىكى سېزىمدىن ھالقىپ ئۆتكەن «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ناملىق ئويۇن قىزىپ كەتتى، ئويۇن قويۇلغان ئورۇن- يوتقان قەدىمىي شەھىرىنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈپ باقايلى.

  يوتقان قەدىمىي شەھىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىخىي ھۆججەتلەردە خاتىرىلەنگەن قەدىمىي يۇتيەن بەگلىكى شەھىرىنىڭ قىياپىتىدىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلىنغان دەم ئېلىش، ساياھەت، مەدەنىيەت، سودا، ئارام ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدىكى خاس كىچىك بازار. شەھەرگە كىرىش ئالدىدىكى مەنزىرە- قۇم ئاستىدىكى قەدىمىي شەھەردىن تارتىپ، شەھەر ئىچىدىكى خوتەن خەلق ئۆرپ- ئادەت تۇرمۇش سارىيى، يۇتيەندىكى ئىزلار سارىيى، ۋايجرا بەگ جەمەتى سارىيى، خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت سارىيى، خوتەن يوتقان سەنئەت مەركىزى قاتارلىق بەش چوڭ كۆرگەزمە سارىيىغىچە، «زامانىۋى پەن- تېخنىكا + ئەمەلىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى خوتەننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

  پايدىلانغان مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى