تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى】 «يىتىپ كېتىپ تېپىلغان خۇرۇم سومكا» شىنجاڭ ئورقۇغا «تۇغقان يوقلاپ كەلدى»

نەرسىنى سەككىز مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش   ھەممە يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

چاڭ جيابىڭ ئەينى چاغدا يىتىپ كېتىپ تېپىلغان سومكىنى  ئالايىتەن ئېلىپ كەلدى.

گاۋ شۈ فوتوسى

   5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدىكى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دا يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ناۋايخانىغا كېلىپ، ناۋايخانىنىڭ ئىگىسى ھوشۇراخۇن قۇربانغا يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتتى. چاڭ جيابىڭنىڭ قولىدا قوڭۇر رەڭلىك خۇرۇم سومكا بار ئىدى. يېرىم يىل ئىلگىرى بۇ سومكا ئورقۇدا يىتىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ھوشۇراخۇن ئۇنى گۇاڭشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، ھازىر چاڭ جيابىڭ ئۇنى يەنە ئورقۇغا ئېلىپ كەلگەنىدى. 

  «يىتىپ كەتكەن سومكامنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلگەن شۇ دەقىقىدىلا، مەن شىنجاڭغا كېلىپ تاغامغا رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىغان» دېدى چاڭ جيابىڭ. 

  ھوشۇراخۇن قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭ جيابىڭ ساياھەت ئۆمىكىنى ئورقوغا ساياھەتكە ئېلىپ كەلگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن يان تېلېفون، گۇۋاھنامە قاتارلىق بۇيۇملار سېلىنغان خۇرۇم سومكىسىنى ھوشۇراخۇننىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىدا ئۇنتۇپ قالغانىدى. ھوشۇراخۇن بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى خۇرۇم سومكىنىڭ ئىگىسىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىدى، بۇلتۇر 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئاخىر بۇ خۇرۇم سومكىنى گۇاڭشىغا ئەۋەتىپ بەردى. 

  چاڭ جيابىڭ بۇ قېتىم ناۋايخانىغا كەلگەندە يەنە لەۋھەدىن بىرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، لەۋھەنىڭ ئۈستىگە «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، نەرسىنى سەككىز مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. خۇرۇم سومكىنىڭ يىتىپ كېتىپ قايتا تېپىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، چاڭ جيابىڭ شېنجېندا خىزمەت قىلىۋاتقانىدى. «مەن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردىم، تاراتقۇدا ئىشلەيدىغان دوستلىرىم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندى __ يىتىپ كەتكىنىگە شۇنچە ئۇزاق بولغان سومكا بىر ۋاراق قەغەزمۇ يوقاپ كەتمەي شۇ پېتى ئەۋەتىلىپتۇ» دېدى ئۇ. 

  سومكا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى، لېكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسى تېخى ئاخىرلاشمىدى. «دادام بۇ ئىشنى بىلىپ، بىز ئىككى ئائىلە خۇددى تۇغقانلاردەك بېرىش-كېلىش قىلايلى، دېدى. بىز تاغاملارنىڭ گۇاڭشىدىكى تۇغقانلىرى، تاغاملار بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىمىز» دېدى چاڭ جيابىڭ. 

 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە دائىم ۋىيشىندا پاراڭلىشىش، سىنلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردى. بۇ قېتىم «1-ماي»لىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، چاڭ جيابىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە خۇرۇم سومكىنى كۆتۈرۈپ، لەۋھەنى ئېلىپ تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ تۇغقان يوقلاشقا كەلدى. 

  ئورقۇ رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ھوشۇراخۇنغا «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشى» دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ چاڭ جيابىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە بىز سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، تاغامدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك». گەرچە بۇ ئورقۇ رايونىغا پەقەت 2-قېتىم كېلىشى بولسىمۇ، چاڭ جيابىڭنىڭ بۇ يەرگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر، «تاغامنىڭ بۇنداق ياخشى بىنا ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بۇنچە تېزلىكىنى ئويلىماپتىمەن، شىنجاڭلىقلار بەك ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن». 

  5-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاڭ جيابىڭ تەكلىپ بىلەن «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» ۋە بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن سەل ھاياجانلاندى، «ئەگەر پۇرسەت بولسا، مەن بۇ يەردە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايمەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يەنە بىر تۇغقىنىم بۇ يەردە» دېدى ئۇ. 

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى»دىن تەرجىمە قىلىندى

ئاپتورلار: رېن جياڭ، جاڭ شياۋمى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.