تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك ئارقىلىق شېرىن تۇرمۇش يارىتىش

□شۈ چىڭگۇاڭ

چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن موگو تېرىغۇچى دېھقانلار، يىپ - يىڭنە مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئايال تىككۈچى ئىشچىلار، ئۈنلۈك ئاۋازدا خىرىدار چاقىرىۋاتقان يايما تىجارەتچىلىرى... ئەسلىھەلىك پارنىكتىن زاۋۇت سېخلىرىغىچە، قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئىجادكارلار بازىسىغىچە، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بارغانلا جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر مىللەت ئامما بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش نامايان بولدى. ئەمگەك ئۇلۇغ، ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلغان نەتىجە ئەڭ شېرىن.

دۇنيادىكى گۈزەل ئارزۇلارنى پەقەت ھەقىقىي ئەمگەك ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئىككى قولى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئامما نامراتلىقتىن خوشلاشقاندىن كېيىن، پىكاپ ھەيدىدى، يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇردى، يۈگۈرتگۈچ، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى سېتىۋالدى، بالىلار تېخىمۇ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى چەكسىز ئىمكانىيەتكە تولدى. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك شەكلى ئۆزگەرمەكتە، ئەمگەك مەنزىرىسى بېيىتىلماقتا، ئەمما ئەمگەكنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمگەك باشتىن - ئاخىر گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى. تىرىشقانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ۋاقىت ھەربىر ئەجىر قىلغۇچىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ توپلايدۇ.

ئەمگەك تاغقا چىققانغا ئوخشايدۇ، ھەربىر قەدەمدە جىسمانىي كۈچ ۋە چىدامچانلىق سەرپ قىلىنىدۇ. لاياقەتلىك سېتىش خادىمى بولۇش ئۈچۈن، زور مىقداردىكى كەسپىي بىلىملەرنى پىششىق يادلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن، جەزمەن باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ... جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس، ھېچكىم تاغ چوققىسىغا ئاسانلا چىقالمايدۇ، پەقەت باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پۇختا قەدەم بىلەن باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ياخشى تېخنىكا ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھاياتىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشالايمىز.

يېڭى دەۋرنىڭ سەھنىسى يېتەرلىك كەڭ، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ سىيماسى ئەڭ گۈزەل. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». كەسىپ بەلكىم ئوخشاش بولماسلىقى، ئىش ئورنى بەلكىم پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بىراق پەقەت ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، سەمىمىي ئەمگەك قىلىدىغانلا بولساق، ھەربىر ئاددىي خىزمەتنىڭ ھەممىسىدە قالتىس ئىجتىمائىي قىممەت يارىتالايمىز، ھەربىر ئاددىي كىشى قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ. مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۈرەش قىلايلى، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جان تىكىپ ئېلىشايلى، بىز بىرلىكتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى دەۋر ئەمگەكچىلەر ناخشىسىنى ياڭرىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.