تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاچا-سىڭىللار ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ھەمدەم بولۇشۇپ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

    «سىڭلىم ھازىر باقمىچىلىق ماھىرى، ئالدىنقى ئايدا ئۇنى يوقلاپ بېرىپ ئۆيىدىكى قوي-كالىلارنى ياخشى بېقىپ سەمرىتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم.» 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى چېڭ لەن تۇغقىنى ئايشەم ئابدۇلىمنى تىلغا ئالغىنىدا چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋىلەندى.

    ئايشەم چەرچەن ناھىيەسى ئاقتىكەن دۆڭ يېزىسىنىڭ توغراقئېغىل كەنتىدىن بولۇپ، چېڭ لەننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى. 2016-يىلى 12-ئايدا، چېڭ لەن ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم بارغاندا، ئۆي ناھايىتى پاكىز تازىلانغانىدى، مەشتە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئۈستەلگە مېۋە-چېۋە، پېچىنە-پىرەنىكلەر تىزىلغانىدى، ئايشەمنىڭ ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ قىلغان بۇ تەييارلىقلىرى چېڭ لەننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

    ئۇلار يېڭىدىن تونۇشقاندا، چېڭ لەن ئايشەم ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولغانىدى. ئايشەمنىڭ بىر جۈپ ئوغۇل-قىزى بولۇپ، ئېرى ئۇزاقتىن بۇيان سىرتتا پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلاتتى، مۇقىم كىرىمىمۇ يوق ئىدى، ئائىلىسىنىڭ 15 مو كېۋەزلىكى ۋە ئون قويىنى ئۇ ئۆزى يالغۇز پەرۋىش قىلاتتى، باقاتتى. تېخنىكا بىلمىگەچكە، كېۋەز تېرىش ۋە قوي بېقىشتىن قىلغان كىرىمى پەقەت ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قامداشقا ئارانلا يېتەتتى.

    «يەنە مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساق يېرىمىز قاقاسلىشىپ، ماللارنى سېتىۋېتىشقا مەجبۇر بولىمىز، ۋاقتى كەلگەندە قانداق قىلارمىز؟» ئايشەم كۆڭلىدىكى ئەندىشىنى ئېيتتى.

    چېڭ لەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق. سىز ئەستايىدىل، ئىشچان، مەكتەپتە ئوقۇغان، يېڭى دەۋردىكى بىلىملىك ۋە نەزەر دائىرىسى كەڭ ئايال. ئىشىنىمەنكى، تىرىشسىڭىزلا كېيىنكى كۈنلىرىڭىز چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

    ئايشەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىدىن گەپ قىلالماي قالدى ۋە چېڭ لەننىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.

    چېڭ لەننىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئايشەم كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاكتىپ قاتناشتى، توردىن ئېھتىياجلىق بىلىملەرنى ئىزدەپ ئۆگەندى. «مەيلى يەر تېرىش ياكى چارۋا بېقىش بولسۇن، ھەممىسىدە نۇرغۇن بىلىم بار، بىلىم ئۆگىنىپ ماھارەت ئىگىلىسەك، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولىمىز» دېدى ئايشەم ھاياجانلانغان ھالدا.

    2018-يىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئايشەمنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىدىن بىرنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇنى ئائىلىۋى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئايشەمنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ئۇنىڭ ھازىر ئىككى كالىسى ۋە 28 قويى بار، بىر يىلدا 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

    2021-يىلى يازدا، ئايشەمنىڭ ئوغلى مەكتەپتە ۋاسكېتبول ئويناۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ بىلىكى سۇنۇپ كېتىدۇ. ئايشەم جىددىي ئەھۋالدا چېڭ لەنگە تېلېفون قىلىدۇ، چېڭ لەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەچ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئايشەمنىڭ ئوغلى دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، چېڭ لەن ۋاقتى يەتسىلا كىتاب ۋە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئۇلارنى يوقلاپ بارىدۇ، ئايشەمگە ھەمراھ بولۇپ مۇڭدىشىدۇ، ئوغلىغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدۇ.

    «ئاچام ھەر قېتىم بىزنى يوقلاپ كەلگەندە، باشقىلار بىزگە ھەۋەس قىلىپ، مېھرى-مۇھەببىتىڭلار بەك چوڭقۇركەن، دېيىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا دىلىم باشقىچە يورۇپ كېتىدۇ» چېڭ لەننىڭ دوختۇرخانىدا ئۇلارغا ھەمراھ بولغاندىكى چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە ئايشەمنىڭ قەلبى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

    ھازىر ئايشەمنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى مەنىلىك ھەم خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ھويلىدىكى سېمونت يەرلەرنى پاكىز سۈپۈرۈپ، گۈل-گىياھلارنى سۇغىرىپ، قوي-كالىلارغا يەم بېرىدۇ. ياز پەسلىدە، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى ئەتىرگۈل، قىزىل ئەتىرگۈل، كاككۇك گۈلى، ئاق مىخېلىيە قاتارلىقلار پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن گۈل-گىياھ سېتىۋالىدۇ.

    «چېڭ لەن ھەدەم بىلەن تونۇشقانلىقىم مېنىڭ تەلىيىم، ئۇ ماڭا ئۆز تۇغقىنىمغا ئوخشاش ئىللىقلىق يەتكۈزدى، ئۆزۈمگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشۇمغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلدى» دېدى ئايشەم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى