تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 120 مىڭ كىشى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلدى، ئۇنىڭدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 7 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 120 مىڭ كىشى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«يىرىك پىلان»دا ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تەمىناتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى.

كەسىپ يۆنىلىشىگە ئىگە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ماس ھالدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش بايلىقىنى بازاردا قىس بولۇۋاتقان، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، جىددىي ئېھتىياجلىق (كەسىپ) ئىش تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كارخانا» ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىدۇ. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق كەسىپ سىستېمىسى ئۇچۇرلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. «يىرىك پىلان»دا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنى تەربىيەلەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، فۇنكسىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلىدۇ.

كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر، سەرخىل دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تولۇق، كۈچلۈك سەپلەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق تەربىيەلەش ۋاسىتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تەمىناتىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش، ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان تۈزۈم سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.