تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

30 يىل كارىۋاتتا يېتىپ قالغان بىمار ئورنىدىن تۇردى

   «ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىمغا 30 يىل بولغان، ئەمدى مەڭگۈ ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن، ئائىلەمدىكىلەرگە بىر ئۆمۈر يۈك بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىغانىدىم! سۇڭ دوختۇر، سىز ماڭا ياشاش ئۈمىدى ئاتا قىلدىڭىز، سىزگە كۆپ رەھمەت!» 4-ئاينىڭ بېشىدا، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا، بىمار ئا خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھاياجان ياشلىرىنى سۈرتكەچ، نەنجىڭ گۇلوۋ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى سۇڭ كەيگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

 

4ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، نەنجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى سۇڭ كەي غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دىياگنوز قويماقتا.

(غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  ئا خانىمنىڭ ئۆيى غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسىدا بولۇپ، ئوڭ يانپاش بوغۇم تۇبېركۇليۇزىغا گىرىپتار بولغانىدى، ئۇ ئىلگىرى باشقا دوختۇرخانىلاردا ئوڭ يانپاش بوغۇمىنى بىرلەشتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئۈنۈم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئوڭ يانپاش بوغۇمى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئا خانىم ئورنىدىن تۇرالماي قالغان ۋە شۇ ياتقىنىچە 30 يىل ئورۇن تۇتۇپ  يېتىپ قالغانىدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئا خانىمنىڭ ئوڭ يانپاش بوغۇمى بۇرۇنقىدىن بەك ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ يېزىلىق شىپاخانىغا باردى، دوختۇر ئۇنىڭغا غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئا خانىم نەنجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن مۇتەخەسسىس سۇڭ كەينى تاپتى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش ئارقىلىق، دوختۇر ئۇنىڭغا ئوڭ يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قارار قىلدى.

  «ماڭا ئىشىنىڭ، سىزگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار!» سۇڭ كەينىڭ بىر ئېغىز گېپى ئا خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.

  ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئاناتومىيەلىك ئورۇن ئېنىق بولمىسا، بىماردا ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۆۋەنكى مۈچە چوڭقۇر ۋېناسىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئوپېراتسىيەنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، جاراھەت ئورنى چوڭ، داس سۆڭىكى ئەتراپىدا مۇھىم چوڭ قان تومۇر، نېرىپلار كۆپ بولۇپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئاسانلا زەخىمگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىدى.

  ئوپېراتسىيەنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن، سۇڭ كەي سۆڭەك كېسەللىكلىرى كوللېكتىپىنى باشلاپ كۆپ قېتىم كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، ئوپېراتسىيە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى بېكىتتى.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ زىچ ماسلىشىشى بىلەن، ئۈچ سائەت ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ئوپېراتسىيەنىڭ ئەتىسىلا، ئا خانىم ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتتا ئولتۇرالىدى، دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، يول مېڭىشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئاستا ماڭالايدىغان دەرىجىگە يەتتى.

  «ئاپام قايتا ئورنىدىن تۇردى، ئاپام ئاخىرى ئاغرىق ئازابى تارتمايدىغان بولدى!» ئا خانىمنىڭ ئوغلى كەنتتە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى.

  «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز دوختۇرخانىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تۇنجى يانپاش بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇق، بۇ بىزگە نىسبەتەن بۆسۈش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى باشلىنىش» دېدى غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھەرىكەت بوغۇمى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لېي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كوللېكتىپنىڭ ئىشەنچىسى ئاشتى. سۇڭ كەي شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئۇ ئامبۇلاتورىيەدە ئاغرىقنى قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى مۇزاكىرە قىلىش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى نېگاتېۋ كۆرۈش قاتارلىق ھالقىلارغىچە ئەستايىدىل، پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، بۆلۈم باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  ھەر قېتىملىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشتا، ھەر بىر ئوپېراتسىيەدە سۇڭ كەي سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، تېببىي خادىملارنى كەسپىي ساھەدە «قان ئىشلەش» شەكلىدىكى داۋالاش ئوقۇتۇشىغا ئېرىشتۈردى. «چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى بۇ يەردە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىمەن» دېدى سۇڭ كەي.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

   ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى