تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىش ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇش

​− ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، فەن سىشياڭ

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىگە كىرگەن مۇھىم پەيتتە چاقىرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىگەن، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان. پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاپ چىقىش 20 - قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، يېتەكچى پىرىنسىپ، ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتتى. 2021 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ بولغان، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتىكى «بىرىنچى ئۆتكەل» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى كۆرسىتىش خىزمىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يېقىندا ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامزات كۆرسىتىشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى، پارتىيە ئىشلىرى گۈللەپ روناق تاپقان جۇشقۇن كەيپىياتنى نامايان قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى.

سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىش

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى جەزمەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە - ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى ۋە ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، سىياسىيدا لاياقەتسىز بولغانلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش كېرەك. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، «تۆت جەزمەن» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، «چاتىقى بارلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش»، «چاتىقى بارلارنى سايلاش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

مەركەزنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى سالاھىيەت شەرتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسىي ساپاغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پاكلىق مەسىلىسىگە قارىتا «قىلچە يول قويماي»، كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، خاتىرجەم بولۇشقا بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«مەن كۆرسەتكەن نامزات چوقۇم ئۇنىۋېرسال چۈشىنىشىم، ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئويلىنىشىمنىڭ نەتىجىسى. مەيلى كىمنى كۆرسىتەي، ھەممىسى جەزمەن تەشكىل خاتىرجەم بولىدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.» ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى كۆرسىتىشكە قاتناشقاندا، چىڭخەي شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونىدىكى 50 يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاۋ ديەنباڭ شۇنداق بىلدۈردى.

چىڭخەي سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز، پاكلىق جەھەتتە ئىشەنچسىز قاتارلىق «ئالتە تۈرلۈك كىشىلەر»نى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەسلەپكى نامزاتلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سىياسىي سۈپىتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، پاك، نۇقسانسىز بولۇشى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، خىزمەت ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

گۇيجوۋ «سەلبىي تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ، ئومۇمەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلماسلىق، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، پاكلىق جەھەتتە مەسىلە بولۇش قاتارلىق توققۇز خىل ئەھۋالنىڭ بىرى ساقلانغان پارتىيە ئەزالىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاساسىي قاتلامدا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئالدى بىلەن مۇشۇ توققۇز خىل ئەھۋالنىڭ ساقلانغان ياكى ساقلانمىغانلىقى بويىچە تولۇق تەكشۈرۈلدى.

شىزاڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەم بولۇشى، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىغا ئىگە بولۇشى، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك.

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىغان، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتكەن، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتقان، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرغان، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلاشنى تەلەپ قىلدى.

جاھاندىكى ئىشلارنى قاتتىق ئىجرا قىلغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلنى ئىگىلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى چىڭىتىش كېرەك.

«كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ئادەم، كۆپ سىستېما، كۆپ نۆۋەت تەكرار سېلىشتۇرۇشتىن ئۆتكەن. ئىلگىرى ئۆلكىلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوبيېكتلارمۇ، ھەممىسى بىردەك قايتىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ھەرقايسى سىستېمىلارنى تولۇق قاپلاش، ۋاقىت جەھەتتە يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقانداق گۇمانلىق نۇقتا بوش قويۇۋېتىلمىدى» دېدى خۇنەن چاڭشا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ گوپىڭ.

نامزات ئۆلچىمىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، خۇنەن باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا پارتىيە ئەزالىرى ئارخىپى، كەسپىي سالاھىيىتى، ئەمەلىي ئىپادىسى، مۇكاپاتلىنىش - جازالىنىش ئەھۋالى، ئاممىنىڭ باھاسى، ئەرزىيەت - پاش قىلىشتىن ئىبارەت «ئالتىنى جەزمەن تەكشۈرۈش» ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئەرزىيەت، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار «ئالتە ئورۇن بىرلىشىپ تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇپ، سالاھىيىتى ماس كەلمەيدىغانلارنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىگە قەتئىي يول قويمىدى.

قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش

ئىشچىلار، دېھقانلار، كەسپىي تېخنىك خادىملار، باشقا ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېشى، جىنسى، مىللىتى ئېنىق كۆرسىتىلدى... 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش خىزمىتىدە، جياڭشى نەنچاڭ شەھىرى 133 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ياچېيكىسى ۋە 260 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا دەرىجىمۇدەرىجە بېسىپ تارقىتىپ بېرىپ، كېڭىشىپ نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدا پايدىلىنىشقا تەمىنلەپ بەردى.

«مۇشۇنداق بىر تىزىملىك بولسا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى قۇرۇلما نىسبىتى توغرىسىدىكى تەلەپنى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تاللاش ئېلىپ بارالايدۇ» دېدى نەنچاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لۇ لياڭخاۋ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ بولۇش ۋەكىللەرنىڭ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى.

ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامزاتلارنىڭ كەسىپ، ساھە ۋە رايونلارغا تارقىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۈننەن قاتارلىق جايلار قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد شۇ جايدا ياشاپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت نامزاتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلاشتى.

شاڭخەي ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى نىسبىتىگە قويۇلغان تەلەپنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

خەينەن قاتارلىق جايلار پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ نامزات سانىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەل جايىدا مۆلچەرلەپ ھېسابلاپ، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلدى.

20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەم كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، ھەم ئىلغارلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇشتا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەرنى كۆرسىتىش كېرەك.

ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئەلالىرىنى كۆرسىتىش يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ۋە جاپالىق مۇھىتتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرسىتىشكە ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلدى.

گۇاڭشى نەننىڭ دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىپادىسى گەۋدىلىك، ئامما ئېتىراپ قىلغان تېببىي خادىملار، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەردى؛ دېھقان پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كەنت كادىرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتىگە قويۇلغان تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى چىڭىتىپ، سالاھىيەت ئەينەن بولماسلىق، ھەقىقىي بولماسلىق ۋە ئورنىغا دەسسىتىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

چۇڭچىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىرمۇبىر بېكىتىپ، نوپۇس تەۋەلىكى ئىسپاتى، ئەمگەك توختامى، ۋەزىپە ئۆتەش ھۆججىتى، كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، نامزاتلار ئۆزى ئىمزا قويۇش، تۇرۇشلۇق ئورۇن تامغا بېسىش، نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئورۇن تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەشكىلات تارماقلىرى ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جياڭسۇ چاڭجوۋ شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتى يوللىغان 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بىر نامزات ھەم بىر كارخانىنىڭ مەسئۇلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللانغۇچى بولۇپ، كۆپ خىل سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى.

تەشكىلات تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپىنىڭ كارخانىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە ئاساسلىق تىجارەت باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىم پايدىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق خىزمەت ئورنىنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، بۇ نامزاتنىڭ ئىشچىلار پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى نامزاتى بولسا بولمايدىغانلىقى بېكىتىلدى.

ئالدىنقى قارارلىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نامزاتلاردىن جياڭسۇدا ئون نەچچە كىشى بار. نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدا، شۇ جايدىكىلەر «كۆپ خىل سالاھىيەتنى بېكىتىش جەدۋىلى»دىن يېڭىلىق يارىتىپ پايدىلىنىپ، رەھبىرىي كادىرلار، كارخانىچىلار قاتارلىق سالاھىيىتى مۈجمەل بولۇش، سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ئىگىلىۋېلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

«بىز بارلىق ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىك خادىملار نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىرمۇبىر دەلىللىدۇق، نوقۇل بىر سالاھىيىتى بولسىمۇ، يەنە تەكرار دەلىللەپ، سالاھىيىتىنى بېكىتىشنىڭ توغرا، خاتاسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات 1 - باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى.

كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ سەپەرۋەرلىك قىلىش

ئەزەلدىن «تاغلىق ئوبلاست» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، يېرىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق.

2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بۇ ئوبلاستنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى مۇجى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىگو بەنزە ئەزالىرى بىلەن بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، چېگرا قوغداش پارتىيە ياچېيكىسى ۋە چەت - يىراقتىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، 41 ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا تارقاقلاشقان 181 پارتىيە ئەزاسىغا قارىتا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى كۆرسىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئۈچ كۈن ئىچىدە، ياڭ جىگو دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش كادىرلىرى بىلەن بارلىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى ۋە چەت - يىراقتىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنى ئايلىنىپ، چېگرا قوغدىغۇچى چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنى بىر - بىرلەپ زىيارەت قىلىپ، سىياسەت، تەلەپلەرنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، پىكىر ئالدى.

ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى كۆرسىتىش پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىگە ئاساسەن دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشتىكى مۇھىم شەكىل. نامزاتلىققا كۆرسىتىشتە ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەش، سەپەرۋەرلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىش، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، ماتېرىياللارنى بېسىپ تارقىتىش، تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، «ۋىيشىن، ۋىيبو، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى» قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەرلىك قىلىشنى چوڭقۇر، پۇختا، بىخەتەر، ئىشەنچلىك قانات يايدۇردى.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ئۇدۇللىشىپ، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى، سەنشيا گۇرۇھى، جۇڭگو ئېلېكتىرون گۇرۇھىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ بېرىشنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىپ، ئۈچ كارخانىنىڭ كۆچۈپ بارغان جايدا 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپى، دالىدا مەشغۇلات قىلىش، پەن - تەتقىقات نەق مەيدانى قاتارلىقلارنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، يېپىق ھالەتتە ئايرىۋېتىلگەن، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇلۇت تېرمىنالى سىنى، ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، ئادەملەرگىچە ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

خېبېي 7800دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىق ھالەتتىكى چۇڭلى مۇسابىقە رايونىدا تۇرۇۋاتقانلىقتىن، ئەسلىدىكى پارتىيە ياچېيكىسىغا قايتىپ نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشالماسلىقتەك ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، مۇسابىقە رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، پىكىر ئاڭلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

گۇاڭدۇڭ، شەنشى قاتارلىق جايلار كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، ياشانغان، تېنى ئاجىز پارتىيە ئەزالىرى، جۈملىدىن تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

خۇبېي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا نامزات كۆرسىتىش» مەخسۇس تېمىسىدىكى ياچېيكا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

ئىچكى موڭغۇل پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي ئائىلىسىنى نۇقتا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى لىنىيە، كۆچمە پارتىيە مەكتىپىنى دائىرە قىلىپ، ۋەكىل سايلاش سىياسىتى تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلار كۆچمە بېلەت ساندۇقى تەسىس قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىش بېلىتى يەتكۈزۈش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى، سىرتتا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان، چېگرانى چارلاپ قوغداۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنى نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى بەزى پارتىيە ئەزالىرى ئاغرىپ قېلىش، ۋاقتىنچە باشقا جايدا تۇرۇش قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئەھۋاللارغا قارىتا، ئىككى تەرەپتىكى كىشىلەر تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئېچىپ قويۇپ سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق سىياسەتنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، بىر - بىرلەپ پىكىر ئالدى.

ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق شەكىلنى قوللىنىپ نامزات كۆرسەتتى. شەندۇڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەقسىم قىلغان ۋەكىل سانى بويىچە، نىسبەتنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە سان تەقسىملەپ نامزات كۆرسىتىش ئېلىپ باردى؛ سەنشى قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەقسىم قىلغان ۋەكىل سانى بويىچە تولۇق نامزات كۆرسىتىش ئېلىپ باردى؛ تيەنجىن، سىچۇەن، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بۇ ئىككى خىل شەكىلنى بىرلەشتۈرۈپ نامزات كۆرسىتىش ئېلىپ باردى.

تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەلنى ئىگىلىشىنى چىڭىتىش

«كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆرسىتىش تەرتىپى ناھايىتى قېلىپلاشقان بولۇپ، پۈتكۈل جەريان ئاشكارا، ئوچۇق بولدى. كەنتىمىزدىكى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە مېنىڭ پىكرىم يوق» دېدى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مېڭجىن رايونىنىڭ چاڭدەي بازىرى دۇڭدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزاسى مېڭ چۇنخاۋ.

20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خېنەن ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى يەتتە باسقۇچقا بۆلۈپ، «ئاساسىي قاتلامدىن باشلاش، پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىش، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى نامزات كۆرسىتىشكە تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش» قاتارلىق 25 قەدەم - باسقۇچقا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «ۋاقىت جەدۋىلى» «يول خەرىتىسى» تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر بۆلۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىل كۆرسىتىش جەريانىنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك، تېخىمۇ قاتتىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاش ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

نامزات كۆرسىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تاللاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا - قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش چارىسىنى قوللىنىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ۋاقىت تۈگۈنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

جىلىن تىزىملىكلەشتۈرۈش، جەدۋەللەشتۈرۈش، قوللانمىلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، مېخانىزملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «بەشلەشتۈرۈش» خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 34 تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتنىڭ تاماملىنىش ۋاقىت چېكى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، خىزمەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى رەتلەپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەكىل كۆرسىتىش سانىنى مۇۋاپىق تەقسىملىدى. ھەرقايسى تارماقلار تەرتىپ تەلىپى بويىچە نامزات كۆرسىتىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھالقىلارنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، «ئۆزگەرتىش» قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى چىڭىتىپ، نامزاتلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تىرىشىپ نامزاتلارنى دەل جايىدا، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالىدى.

فۇجيەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر مەيدان ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان يې لىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇ يەنىلا چۇەنجوۋدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. تەرتىپ بويىچە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى قارار قىلدى. «مەن كەلگۈسىدە ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى يې لىڭ. ئېكران ئالدىدىكى يې لىڭ بايىلا فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدىن چىققان بولۇپ، پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئارخىپلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يې لىڭ تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. «ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مەستانىسى» «ئاغرىقلار ئۇنىڭغا بىر تال جۈزە بەرسىمۇ، ئۇ ئالمايدۇ»... تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سوئاللىرىغا نەق مەيداندىكى خىزمەتداشلار بەس - بەستە جاۋاب بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى نامزات كۆرسەتكەن ئورۇنلاردا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتلىرىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، سۆھبەتلىشىپ چۈشىنىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئارخىپلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، ئىختىيارىي سۆھبەتلىشىش، كوللېكتىپ يۈزتۇرا سۆزلىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، «ئۇنى باشقۇرىدىغان» «ئۇ باشقۇرىدىغان» «ئۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان» «ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى» كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم تەشكىلنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ، ھەم ئاممىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپتىن نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.

بېيجىڭ نامزات كۆرسىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا «ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ھەرقايسى نامزات كۆرسەتكەن ئورۇنلار شۇ ئورۇن كۆرسەتكەن نامزاتلارغا قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ئاندىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى قاتارلىق شەھەر دەرىجىلىك 24 ئورۇن بىلەن بىرلىكتە بارلىق نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قارىتا بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

جېجياڭ ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن، نامزاتلار ئىسىملىكىنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى يىغىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ سايلىشىغا سۇنۇپ پىكىر ئالدى.

ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇنلار پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيە سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

«تۆۋەندە بىرىنچى تۈرلۈك قارالمىنى باشلايمىز، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرى كارتون تەشۋىقات فىلىمىدە بولسۇن...»

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى لۇياڭ رايونى سەنشياۋكوۋ كوچىسى شىپىڭمېن مەھەللىسىدە، 36 نەپەر پارتىيە ئەزاسى قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى مەھەللىنىڭ «ئەسلىي مەقسەت دەرسخانىسى»دا ئېچىلدى.

دەرسخانىدا قويۇلغان بۇ تەشۋىقات فىلىمى 2021 - يىلى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئىشلىگەن «نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتىكى <ئوننى قاتتىق مەنئى قىلىش>» ناملىق فىلىم ئىدى. بۇ فىلىمدە سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، جانلىق بولغان كارتون شەكلىدە مىسال كەلتۈرۈش، پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇش، داۋلى سۆزلەش ئارقىلىق، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتىكى ئون تۈرلۈك كونكرېت تەلەپ تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەنىدى.

تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرگەندە، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزاسى رۇەن يۇڭلەن باشتىن - ئاخىر ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى چوقۇم ئادىل، ھەققانىي كۆرسىتىشىمىز كېرەك».

ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدا ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇنلار قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى؛ خۇنەن خېڭياڭ، سىچۇەن نەنچۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىنى تولۇق تەتبىقلىغان ھالدا ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنىڭدىن ساۋاق ئالدى، ئىبرەت ئالدى.

يۇقىرى بېسىم ھالىتى ساقلىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى. لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ «12388» ۋە تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ «12380» پاش قىلىش تېلېفونىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، نامزات كۆرسىتىش كەيپىياتى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ تەكشۈردى.

ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇنلار مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇپ سەمىگە سېلىش، ئالدىن ئاشكارىلاپ قويۇش، شەپە بېرىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللار ۋە سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك؛ كەيپىيات دۇرۇس بولمىغان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۈچلۈك بولمىغان، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

ھەرقايسى سايلىغۇچى ئورۇنلار مۇنداق بىلدۈردى: ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللەر نامزاتىنى كۆرسىتىش جەريانى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى جەريانى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانى.

مۇقەددەس بۇرچ زىممىگە ئېلىندى، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى زىممىگە يۈكلەندى. شىمالىي جۇڭگودىكى قار ماكانىدىن لىڭنەن تۇپرىقىغىچە، غەربىي قىسىمدىكى ئېگىزلىكتىن شەرقىي دېڭىز ساھىلىغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتىنى كۆرسىتىشكە پائال قاتنىشىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تېخىمۇ شانلىق يېڭى سەھىپىنى پۈتمەكتە.

(يېزىشقا قاتناشقانلار: خەن چاۋياڭ، ۋاڭ داچيەن، لى جېڭ، مىن زۈنتاۋ، ۋۇ جيەنفېڭ، دەي ۋېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.