تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

15 يىللىق «ئانا - بالىلىق مېھىر»

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خانشەھرە تۇردى (ئوڭدا) جوۋ جىنچۈەننى ئېلىپ سىرتتا ئاپتاپسىنماقتا.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خانشەھرە تۇردى (ئوڭدا) جوۋ جىنچۈەننىڭ ئاپىسى لى فاڭيىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوغلىغا تاماق ئېتىپ بەرمەكتە.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى

بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن خانشەھرە تۇردى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرى يېڭى ئەسىر مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، 15 يىل بۇرۇن مېيىپ جوۋ جىنچۈەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر «ئانا - بالىلىق مېھىر» ئورناتقان.

2005 - يىلى، ئاتا - ئانىسى ئوغلى جوۋ جىنچۈەننى ئېلىپ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئەينى چاغدا ئۇلار خانشەھرەنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تۇرغانىدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەر - خوتۇن ئىككىسىگە نىسبەتەن قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. خانشەھرە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جوۋ جىنچۈەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

خانشەھرە ھەر كۈنى ھەمراھ بولغاچقا جوۋ جىنچۈەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان بولغان، روھىي جەھەتتىنمۇ يۆلەنچۈككە ئىگە بولغان. خانشەھرە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم مەن جوۋ جىنچۈەنگە كىيىم كىيگۈزۈۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز مېنى <ئاپا> دەپ چاقىردى، مەن دەسلەپتە بەك ھەيران قالدىم، كېيىن يەنە بىر قېتىم چاقىرىۋېدى، مەن ئاندىن ئۇنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى، شۇ چاغدا مەن ئىزچىل ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدىم.» شۇنىڭدىن كېيىن، خانشەھرە جوۋ جىنچۈەننىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ قويدى، تاماق ئېتىپ بەردى، كارىۋىتىنى رەتلەپ، بەدىنىنى يۇيۇپ قويدى... ئۇ بۇ ئىشلارنى 15 يىل داۋاملاشتۇردى.

گەپ قىلىشى، ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا - ئانىسى دائىم يېنىدا بولمىغاچقا، جوۋ جىنچۈەننىڭ مىجەزى سەل جىمىغۇر بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلاش ئۈچۈن، خانشەھرە پۇرسەت بولسىلا، ئۇنى ئېلىپ كوچا ئارىلاپ، قوشنىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغۇزدى. خانشەھرەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى نەتىجىسىدە، جوۋ جىنچۈەن ئائىلە ئىللىقلىقى ۋە چوڭقۇر ئانا مېھرىنى ھېس قىلىپ، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار بولۇپ كەتتى.

قوشنىسى ۋاڭ ئەيلىڭ مۇنداق دېدى: «خانشەھرە ھەدە قىزغىن، كۆيۈمچان ئايال، ئەتراپىمىزدىكى قوشنىلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، مەيلى كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولۇپ ياردەمگە موھتاج بولسا، ئۇ ياردەم قولىنى سۇنىدۇ».

خانشەھرە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن» ئون چوڭ شەخس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.