تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پارنىكتا ئوخشىغان توغاچلار باغۋەننىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى

    4- ئاينىڭ 13- كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى باغۋەن فەن سىفېننىڭ توغاچ پارنىكىدا، بىر مېتىردىن ئېگىز كېلىدىغان توغاچ دەرەخلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، شاخلىرى توم، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئىدى، شاخلارغا ئېسىلغان قىپقىزىل توغاچلار يۇمىلاق ھەم تولغان، پوستى يېڭى ھەم پارقىراق ئىدى، قويۇق مېۋە پۇرىقى كىشىنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى. فەن سىفېن توغاچ دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى پۇتاۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايىدا ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

   ئىگىلىنىشىچە، فەن سىفېن ۋە ئۇنىڭ ئېرى دۇەن لىڭنىڭ پارنىكتا 10 يىلدىن ئارتۇق توغاچ ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى بار ئىكەن. ئۇلار ئىلگىرى باشقىلارنىڭ توغاچ پارنىكىدا ئىشلەپ، توغاچ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن ئىكەن. 2015- يىلى، فەن سىفېن ۋە ئۇنىڭ ئېرى دۇەن لىڭ 40 پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، توغاچ ۋە شىرنىلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈشنى باشلىغان.

   توغاچ كۆچىتى تىكىش، چاتاش، يوپۇرمىقىنى ئۈزۈش، كۈن نۇرى چۈشۈرۈش، رەڭ بېرىش، ئوغۇتلاش، تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى قىلىش كېرەك. فەن سىفېن ئەر- خوتۇن ئىككىسى توغاچ نى ياخشى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى. ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار پارنىكتا توغاچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تېپىپ چىقتى.

   پارنىكتا توغاچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ توغاچلىرى بارغانسېرى ياخشى ئۆستى. «تور سىرتىدا ساتقاندىن باشقا، بىز يەنە توغاچلىرىمىزنى توردا سېتىپ، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى كۆزلىدۇق.» فەن سىفېن كەلگۈسىدە پارنىكتىكى توغاچنىڭ سېتىلىش يولىدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

   (مۇخبىر: گۈزەلئاي خېلىل)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.