تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ شەھىرىدە 1 مىليون 20 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى

  

ھاۋانىڭ ئىللىشى بىلەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازار، رايونلىرى تۇپراقنىڭ نەملىكى ياخشى بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كېۋەز تېرىپ، ئېتىز- ئېرىقلاردا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر شەھەر بويىچە كېۋەز تېرىلغان كۆلەم 720مىڭ مودىن ئاشتى، 4- ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈنلەي تېرىلىپ بولۇشى مۆلچەرلەندى.

  بۇ يىل يېڭى ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى، بۇ يەرنى يان تەرەپتىن قاشالاش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا قۇرغاق يەرگە تېمىتىپ سۇغىرىش ئارقىلىق كىۋەز تېرىلىدۇ، بۇ رايونىمىزدىكى تۇپراقنىڭ ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ يىل قوللانغان يېڭىچە ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ليۇيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى جىنفېڭيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كېۋەزلىكىدە، كېۋەز سېيالكىسى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سېستىمىسى ئارقىلىق دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەپ سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى ئورنىتىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىشنى تاماملىدى، پاختىكارلار سېيالكىغا يېقىندىن ئەگىشىپ چۆنەك ئېچىش، ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، توپا كۆمۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جىنفېڭيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لەيگو مۇنداق دېدى: بۇ يىل سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىمىز 200 مىڭ مو يەرگە ئۇرۇق سالدى، ھازىرغىچە ئۇرۇق سېلىش كۆلىمى %80كە يەتتى.

  كېۋەز تېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تەۋەلىكتىكى كېۋەز تېرىيدىغان دېھقانلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، ليۇيۈەن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە كەسپىي تېخنىكلارنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، سۇ ئىشلىتىش شەكلىنىمۇ يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈمدىن تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئۆزگەرتتى.

  ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ گودۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر ليۇيۈەن باشقۇرۇش كومىتېتىمىزدىكى 600 مىڭ مو يەرنىڭ %80ىگە كېۋەز تېرىپ بولدۇق، 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى تېرىپ بولۇشنى پىلانلىدۇق. بىز تەۋەلىكىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى دېھقانلارنى كەسپىي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلدۇق، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، 2022- يىلى ئاقسۇ شەھىرى 1 مىليون 20 مىڭ مو كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا تالالىق پاختا 960 مىڭ مو، ئۇزۇن تالالىق پاختا 60 مىڭ مو ئىكەن. 4- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە، شەھەر بويىچە 700 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ئۇرۇق سېلىنىپ بولغان، بۇ ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ٪70ىنى ئىگىلەيدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتراپىدا ئۇرۇق سېلىش ئاخىرلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.