تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى تۈرلەر مەركەزنىڭ مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەينى - كەينىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىن مەبلەغ چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى ساھەسىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللىغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 48 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بايلىقىنى قوغداش، سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق يەتتە تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىكەن.

تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېتىز ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقى ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە ئامباردا ساقلاش، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇقنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

مەركەز خامچوتى ئىچىدە 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نىيە ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا كەسىپلىرى يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدىكەن، يېزا كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ئەخلەت، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىكەن.

تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت يېزا كەسىپلىرى يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

مەركەز خامچوتى ئىچىدە 35 مىليون 110 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدىكەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش شۆبە مەركىزى (ئۆلكە دەرىجىلىك) ئېتىزلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزى (ئېتىزلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھايۋانات دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، تاشيول ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش پونكىتى، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋاناتلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كېسەللىك مەنبەسى ئىلمى بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش رايونى مەركىزى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ئەسلىھەلىرى، چېگرا رايوندىكى ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىكەن.

تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تور سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن؛ ھايۋانات دورىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ھايۋانات دورىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان بىيولوگىيەلىك بۇيۇملارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن؛ ھايۋاناتلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوبوروت ھالقىسىدىكى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن؛ چېگرا رايوندىكى ھايۋاناتلار ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋاناتلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كەلگەن كېسەللىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.