تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پەن - تېخنىكا ئۆزىكى»نى كۈچەيتىش سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش

​− شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىقچىلىقىنى تەپسىلىي كۆزىتىش (2)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

دۇنيا پاختىسىغا نەزەر سالغاندا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىسىغا نەزەر سالغاندا شىنجاڭغا قاراش كېرەك. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ پاختىغا بولغان ئىشەنچى كۈچلۈك پەن - تېخنىكىدىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش دەل كۈچلۈك پەن - تېخنىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر.

ئۇرۇق سالغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئەلا سۈپەتلىك كېۋەزگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى ۋە پاختىكارلار قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پائال پايدىلىنىپ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «پەن - تېخنىكا ئۆزىكى»نى شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئۇرۇقلۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

چىڭمىڭ بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈپ نەچچە كۈن بولماي، شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يىنباۋ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىككە كېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

«شىركىتىمىزدە ھازىر قۇرۇقلۇق كېۋىزى سورتىدىن توققۇزى، ئۇزۇن تالالىق كېۋەز سورتىدىن 11ى بار، بۇ يىل ئەتىيازدا ئىككى خىل سورتتىكى كېۋەز ئۇرۇقلۇقى ئالدىن تاللىنىپ كېڭەيتىلدى.» جاڭ يىنباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئۈچ مىليون 500 مىڭ موغا كۆپەيتىلىپ، كېۋەز ئۇرۇقلۇقىدىن 6000 توننا ئىشلەپچىقىرىش پىلانلاندى، بۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۇرۇقلۇق تەمىناتىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

جاڭ يىنباۋدەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلەردىن يەنە شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ خۇڭتاۋمۇ بار. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىراش خىزمىتى دەل دېھقانلارنىڭ شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان كېۋەز يېڭى سورتى − شىن 78نى ئىلمىي تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىدى.

بۇ سورتنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ياگېر يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى بالدۇر ئېچىلىدىغان، ماشىنىدا يىغىلىدىغان ئۇزۇن تالالىق تۇنجى كېۋەز يېڭى سورتى ھېسابلىنىدۇ. «بۇ سورتتىن ئېلىنىدىغان مو بېشى چىگىتلىك پاختا ھوسۇلى 511.5 كىلوگىرام بولۇپ، ساپ يىغىۋېلىنىش نىسبىتى %97.11كە يېتىپ، غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىشتىكى تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.» ۋۇ خۇڭتاۋنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈرگەن بۇ تۈردىكى پەن تەتقىقات نەتىجىسى شۇ جايدىكى پاختىكارلارغا يېڭى پايدا ئېلىپ كەلدى.

ئۇرۇقلۇق ئەزەلدىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى» دەپ قارىلىپ كەلگەن، دۆلەت ئىچىدە كېۋەز ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا كېۋەز ئۇرۇقچىلىق كەسىپلەر باغچىسى تەسىس قىلدى. 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئۇرۇقچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تارىم يېزىسىنىڭ باغۋەنچىلىك كەنتىدە باشلاندى، بۇ تۈردە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شەندۇڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خېبېي يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق كېۋەز پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ، كېۋەز ئۇرۇقلۇقىنى يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پىششىقلاش قاتارلىق پەن تەتقىقات خىزمىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ، تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىلىغا 40 مىڭ توننا ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كېۋەز ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات، يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىش - كېڭەيتىش»نى بىر گەۋدە قىلغان كېۋەز ئۇرۇقلۇقى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كېۋەز يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە سورتىنى يېڭىلاش، ئەۋلاد ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېۋەز ئۇرۇقلۇقى بايلىقى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقە شىنجاڭغا قويۇلغان، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن «ئۇرۇقچىلىق كىرېمنىي جىلغىسى»نى بەرپا قىلدى.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

شىنجاڭ كېۋىزى سورتلۇق ئۇرۇقلۇقىنىڭ ئارقىسىدا كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تەركىبى بار. ھازىر، شىنجاڭ كېۋىزىنىڭ سورتىنى يېتىشتۈرۈش «مولېكۇلا» دەرىجىسىگە قەدەم قويدى.

ئارال كېۋىزى، ئۇزۇن تالالىق پاختا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېرىلغۇ كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېتىلمىغان پاختىدا ھەمىشە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىلاتتى. «بىز گېن گۇرۇپپىسى بىلەن كۆچۈرۈپ خاتىرىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلچەش تەرتىپى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پاختا تالاسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئىرسىيەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندۇق.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چۈ يەنيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئارال كېۋىزى تالاسىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەلا گېننى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كوللېكتىپىمىز كېۋەزنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق تاللاپ سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقات خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئارال كېۋىزىنىڭ گېنىنى قۇرۇقلۇق كېۋىزىگە يۆتكەپ، ئۇنىڭ تالا سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق.

ھازىر، چۈ يەنيىڭنىڭ كوللېكتىپى يېتىشتۈرگەن قۇرۇقلۇق كېۋىزى يېڭى سورتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا كېڭەيتىلگەن كۆلىمى 5 مىليون مودىن ئاشتى.

تەمىنات تەرەپ بىلەن ئېھتىياج تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توسۇق نۇقتا ئېچىلىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاغرىق نۇقتا راۋانلاشتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شۆيۈەن مۇنداق قارىدى: بازار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى شۇنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ.

ماشىنىدا كېۋەز يىغىۋېلىشنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارىتا، كۆپ يىل تەتقىق قىلىش، ئېچىش ئارقىلىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى بالدۇر پىشىدىغان، سورتلۇق، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا باب كېلىدىغان كېۋەزنىڭ يېڭى سورتى − يۈەنميەن 11 - نومۇرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ تۈردىكى پاختا ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىپ، بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

سورتلۇق كېۋەز سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپى بىر قەدەر يۇقىرى ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ماتېرىياللارنى كەشىپ قىلىپ ياسىدى. مەسىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ داشۆ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن كېۋەزنىڭ ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش مولېكۇلاسى ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان 100دىن ئارتۇق كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش بايلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە ئاساس سالدى.

كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىدا سورتلۇقلىرىنى يىغىپ، ناچارلىرىدىن ۋاز كېچىش

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

2016 - يىلى، شىنجاڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش - ئېچىش پىلانى مەخسۇس تۈرى − «پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى»نى باشلىدى؛ 2020 - يىلى، مۇھىم، زور مەخسۇس تۈر − «پاختىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»نى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم سورتلۇق كېۋەز يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

«دۆلىتىمىزدە كېۋەز ئۇرۇقچىلىقىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر تۈركۈم ئەلا سورتلۇق كېۋەز سورتلىرى كىرگۈزۈلدى ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈلدى، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە پىششىقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇرۇقلۇق باشقۇرۇش تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇپ، يېتىلگەن، مۇكەممەل بولغان ئۇرۇقچىلىق كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كېۋەز سورتى كۆپ، قالايمىقان بولۇش ۋە ئەسلىي پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكى ناچار بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بۇلتۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن يىل بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەۋزەل كېۋەزچىلىك رايونلىرىغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەپ، كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېرىلىش كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان كېۋەز سورتلىرىنىڭ سانىنى 64تىن 45 كە ئازايتىپ، پاختا سۈپىتىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ كېۋەز سورتى يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات مۇھىتى، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بۇ، كېۋەز سورتلۇق ئۇرۇقلۇقىنى يېتىشتۈرۈش ياخشى ئۇسۇلىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش بىلەن يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشنى ماسلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىناق بولۇشنى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە سورت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، پاختا كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، ماشىنىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئۇچۇرلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.