باھاردا بارچە جانلىق ئويغاندى
ھەممە جاي ھاياتى كۈچكە تولدى
قۇشلارمۇ پەي-قاناتلىرىنى قېقىشىپ
چىرايلىق جابدۇنۇپ باھار سەيلىسىگە چىقتى
ئۇلار ھەمراھلىرى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى چۆرگىلەپ
توختىماي ئۇسسۇلغا چۈشتى
گۈللۈكلەردە توختىماي سايراشتى
دەرەخ شاخلىرىدا توختىماي قوغلاشتى
ئۇلار باھاردا قىزغىنلىق بىلەن ئويۇن قويۇپ
قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتى
ئۆزىگە خاس ئۇسۇلىدا باھارغا ھۆسن قوشۇپ
باھار شادلىقىغا بىرلىكتە جۆر بولدى
باھارغا تەڭكەش يېقىملىق «ناخشا»
كەڭ تەبىئەتكە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشسا
لەرزان «ئۇسسۇل»لار باھار چېچەكلىرىگە قوشۇلۇپ
ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشتى
قېنى كېلىڭ!
ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ يېقىملىق «كۈي»گە
جور بولۇپ
باھار شادلىقىغا چۆمەيلى!!!