تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېۋەز تېرىلغان قۇرنى كۆمۈشنى كېچىكتۈرۈش تېخنىكىسى شىنجاڭدىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كېڭەيتىپ قوللىنىش كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشىدىكەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، كېۋەز تېرىلغان قۇرنى كۆمۈشنى كېچىكتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش كۆلىمى جەمئىي 20 مىليون مودىن ئاشقان، پاختىكارلار ۋە كارخانىلارنىڭ كىرىمى جەمئىي 3 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئاشقان. 2022 - يىلى بۇ تېخنىكا شىمالىي شىنجاڭدىكى كېۋەزلىك رايونلىرىدا داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ كۆپ نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كېڭەيتىپ قوللىنىش كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشۇرۇلىدىكەن.

بۇ تېخنىكىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تيەن لىۋېن كوللېكتىپى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى سەككىز ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يامغۇر ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى، بۇ، كېۋەزنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىش تېخنىكىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم زور بۆسۈش.

ئەنئەنىۋى ئۇرۇق سېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېرىلغان قۇرنى كۆمۈشنى كېچىكتۈرۈش تېخنىكىسى «تۆشۈك تېشىش، ئۇرۇق سېلىش، كۆمۈش، چىڭداش»تەك دائىملىق ئۇرۇق سېلىش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنى «تۆشۈك تېشىپ، ئۇرۇق سېلىپ، چىڭداپ»، مايسا ئۈنگەندىن كېيىن ئاندىن «كۆمۈش»ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە ئۇرۇق سېلىش چوڭقۇرلۇقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرغان. بۇ تېخنىكا «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» ۋە تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش قاتارلىق مايسىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى باشقا تېخنىكىلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، مايسىغا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىغان كېۋەزلىكنىڭكىدىن %25.3تىن كۆپرەك ئۆستۈرۈلۈپ، %85 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدا كېۋەزنىڭ مايسا مەزگىلىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ. يامغۇر ئاپىتى ئادەتتە كېۋەزلىكتىكى تېرىلغان قۇرنىڭ توپا قەۋىتىنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۇرغۇن كېۋەز مايسىلىرى شۇ سەۋەبتىن قاتتىق توپا ئاستىدا «دۈملىنىپ» ئۈنۈپ چىقالماي، ئەي بولۇش نىسبىتى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى مايسىلارنىڭكىدىن بىردەك %35 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پاختىكارلار ئادەتتە يامغۇردىن كېيىن ئادەم كۈچى ياكى ماشىنا بىلەن يەر پوستىنى تېشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندا، قايتا تېرىش ياكى باشقا زىرائەتلەرنى تېرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، كېۋەز تېرىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىق ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ.

تيەن لىۋېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تېخنىكا ئۇرۇق سالغاندا تېرىلغان قۇرنى كۆمۈشنى مايسا ئۈنگەندىن كېيىن كۆمۈشكە ئۆزگەرتىپ، پاسسىپ ھالدا ئاپەتكە ئۇچراشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىپ، كېۋەزنىڭ مايسا مەزگىلىدە يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچراپ مايسا ئۈنۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشىدا مايسا مەزگىلىدە دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يامغۇر ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.