تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق

− شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىقچىلىقىنى تەپسىلىي كۆزىتىش (1)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

ئاپئاق ئېچىلغان پاختىلار گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 4 - ئاي كىرىشى بىلەن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ پاختىسى تېرىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بىپايان كېۋەزلىكلەردە ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ ئۇرۇق سېلىۋاتاتتى، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات مەنزىرىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، نۇرغۇن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يىلدىن - يىلغا ئۆسۈپ، كېۋەز تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %80تىن يۇقىرى بولغان.

كۆلەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي ئېقىم

4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى شاۋفاڭجاڭزا كەنتىدىكى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېۋەزلىكىدە، بېيدوۋ يول باشلاش ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بىر ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى كېۋەز تېرىۋاتاتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرنەچچە ئەزاسى كېۋەز تېرىۋاتقان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىغا ئەگىشىپ مېڭىپ، چۆنەك ئېچىش، ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، كۆمۈش ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساۋەن شەھىرىدىكى 1 مىليون 745 مىڭ مو ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەزلىك ئارقا - ئارقىدىن تېرىش مەزگىلىگە كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تېرىش تاماملىنىدىكەن. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنداق كەڭ كۆلەملىك تېرىش خىزمىتىنى تاماملاش ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2013 - يىلى قۇرۇلغان شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى، جىنگوۋخى بازىرى ۋە بورتۇڭگى چارۋىچىلىق مەيدانى ھەمدە بىڭتۇەندىكى بىر ليەننىڭ يېرىنى بىرىكتۈردى.

«نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئوبوروت قىلغان يەر 48 مىڭ 600 مو، تارقاق يەرلەرنىڭ قىرلىرىنى بۇزۇپ، تۈزلەپ، تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، ماشىنىلاشقان تېرىش، تۈجۈپىلىك پەرۋىش قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ پەخىرلەنگەن ھالدا.

بۇ يىل ساۋەن شەھىرى 4.4 مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭلىكتىكى سولياۋ يوپۇقنى بىر قېتىمدىلا 12 قۇرغا يېپىپ ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا لايىقلاشتۇرۇلغان كېۋەز ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. بۇلتۇر بۇنىڭ تەمىنى تېتىغان خې خۇڭتاۋ بۇ يىل داۋاملىق يېڭىچە ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللاندى ھەم تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

«تۈجۈپىلەشكەن، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق بىزنى يېڭىچە ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش، پاختىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىغا، شارائىتىغا ئىگە قىلدى.» خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، بىز يېڭى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مو يەردىن قىلىنىدىغان كىرىمنى 300 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇردۇق.

2014 - يىلىلا، ساۋەندە كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتكەنىدى، بۇلتۇر، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى. «پەقەت كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىغاندىلا، ئاندىن ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ساۋەننىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىدا تېرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تېرىقچىلىق مەشغۇلاتىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى گاۋ يۇڭجيەن.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، كۆلەملەشكەن، ماشىنىلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن كېۋەز تېرىقچىلىقى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى %90تىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرگە كېۋەز تېرىلىدىغان بولۇپ، ماشىنىلىشىش نىسبىتى %96.7كە يەتتى؛ شايار ناھىيەسىدە بۇ يىل 1 مىليون 850 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، ماشىنىلىشىش نىسبىتى %93تىن كۆپرەككە يەتتى...

ئىگىلىنىشىچە، 2021 - يىلى، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىدا تۈجۈپىلەشكەن تېرىقچىلىق بىلەن قاپلاش نىسبىتى %88كە يەتكەن، كېۋەز ئۇچىنى خىمىيەلىك ئۈزۈش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %85كە يەتكەن، پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم %80تىن ئاشقان. ھوسۇل، سۈپەت، ئۈنۈم ئۇنىۋېرسال يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.

ئاقىل «خاسىيەتلىك قورال»نى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كەزسىڭىز، بىپايان كېۋەزلىكلەردىكى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىلىرىنىڭ كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان «گېئومېتىرىيەلىك شەكىل»لەرنى سىزىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. مۇشۇنداق تەكشى، رەتلىك كېۋەزلىكلەرنى سىزىشتا نېمىگە تايىنىلىدۇ؟

«ئىلگىرى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تېرىيتتۇق، رەتلىك تېرىلمايتتى. بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يول باشلىشىدا، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىلىرى خۇددى كۆز ئورنىتىلغاندەك، بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سولياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش، تېرىش، توپا كۆمۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىر قېتىمدىلا تاماملىيالايدىغان بولۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، رەتلىك كېۋەزلىكلەر كىشى قەلبىگە راھەت بېغىشلايدۇ.» 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىسى كۇدەيلىك كەنتىدىكى دېھقانچىلىق ئېتىزىدا، كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى چېن يۈكاۋ يېڭى تىپتىكى بېيدوۋ يول باشلاش ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ 2800 مو كېۋەزلىكىدە ئۇرۇق سېلىۋاتاتتى.

بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ 24 سائەت مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ، بۇ سىستېما ماشىنىلارنىڭ مەشغۇلات كۆلىمى ۋە مەشغۇلاتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە قۇرلارنىڭ تۈز، قاتارلارنىڭ رەتلىك بولۇشتىكى توغرىلىق نىسبىتىنىڭ 1000 مېتىر ئىچىدىكى خاتالىق پەرقىنى 2.5 سانتىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلالايدۇ. يەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ھەربىر تۈپنىڭ تەكشى جايلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇ، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا پايدىلىق.

باغراش ناھىيەسى كېۋەز تېرىغۇچى ئائىلىلەرنى ئىلمىيلاشقان تېرىقچىلىق يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تېرىش تېخنىكىسى، كېۋەز ئۇچىنى خىمىيەلىك ئۈزۈش تېخنىكىسى، ماشىنىدا يىغىۋېلىش تېخنىكىسىنى كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشىدا توپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشنى %80كە يېقىن ئىشقا ئاشۇردى.

بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق سېلىش شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكلەردە ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولدى.

«ئىلگىرى 500 مو يەرگە ئۇرۇق سېلىشقا ئالتە كۈن كېتەتتى، ھازىر بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈندە ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى ياتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر قېتىمدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى پەرۋىش، يىغىشمۇ ناھايىتى قولايلىق. ئىلگىرى ئېتىزلىقلارغا شىلانكىنى سۆرەپ يۈرۈپ ئادەم كۈچىگە تايىنىپ دورا چاچاتتۇق، ھازىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چاچىمىز، ۋاقىت ھەم كۈچنى تېجەپ قالدۇق» دېدى يەكەن ناھىيەسىنىڭ باغئاۋات يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى شاۋ لېي.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 7 مىليون 500 مىڭ مو كېۋەزلىكتە ماشىنىلاشتۇرۇشنى قوللىنىش نىسبىتى %98كە يەتتى، شۇ جايدا ئورنىتىلغان بوچۇاڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى كېۋەزلىكتىكى ئاغدۇرۇش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلىغان بولۇپ، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەننەرخ تېجەپ، ھوسۇلنى كۆپەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، پاختىكارلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان «خاسىيەتلىك قورال»غا تايىنىپ ئاسانلا پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«شىنجاڭدا ياسالغان» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىجىل كۆپەيدى

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسى يانتاقباش كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە ئۇرۇق سېلىۋاتقان ما پېڭچېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ماشىنىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزغا خېلى يىللار بولدى، يەنىلا ناھايىتى كۈچ بېرىۋاتىدۇ، ئۇ ياخشى ھەمراھىمىز».

2018 - يىلى، ما پېڭچېڭ شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىككى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى سېتىۋالغانىدى. «بۇ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر قېتىمدىلا تاماملىيالايدۇ، ناھايىتى قولايلىق» دېدى ما پېڭچېڭ.

شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈچ قۇردا پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ۋە پاختا يىغىۋېلىش، تايلاش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنىنى قۇراشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. پاختا يىغىۋېلىش پەسلىگە كەلگەندە، بۇ ماشىنىلار كېۋەزلىكلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ.

«2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە بىز ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى، تايلاش ماشىنىسىدىن 100 نەچچىنى ئىشلەپچىقاردۇق، مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلاندى.» شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى كادىرلار ئىشلىرى مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورى ۋۇ يۇڭچېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كارخانىمىز 200دىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلدى.

نۆۋەتتە، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىي قىلىپ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش - يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ياساش، مەھسۇلات سېتىش ھەم سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىق كارخانىسىغا ئايلاندى، 2018 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىكى مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليون يۈەن ئىدى، بۇلتۇر ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 460 مىليون يۈەنگە يەتتى، شىركەت ئىزچىل شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشماقتا.

«نۆۋەتتە، بىز ئۇزۇن تالالىق پاختىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، بۇ يىل 8 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى ۋۇ يۇڭچېڭ.

2021 - يىلى، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلاشقان مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئۈچ قۇردا، ئالتە قۇردا تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، كورلا، ئاقسۇنى مەركەز قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى كەسىپ بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.